باش بەت>>مائارىپ>>مائارىپ ئۇچۇرلىرى
ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا–ئانىلىرى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بەش نۇقتا
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئاراپات ھۈسەنجان | يوللانغان ۋاقىت:2014-08-27 18:08:07

 

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۈرۈمچى، سانجى، بورتالا، شىخەنزە، قۇمۇل قاتارلىق جايلىرىدا ئوخشاش بولمىغان شەكىللەردىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئالدامچىلىق قىلمىشلىرى يۈز بېرىپ، بىر قىسىم ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئاتا – ئانىلارنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزدى. 2014 – يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ قانات يېيىشىغا ئەگىشىپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نامىدىكى تۈرلۈك ئالدامچىلىق ۋاسىتىلىرى ۋە قانۇنسىز ۋاسىتىچىلەر ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نامىدىكى ئالدامچىلىقلاردىن ساقلىنىشى ئۈچۈن، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئاتا – ئانىلارنىڭ تۆۋەندىكى بەش نۇقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى سەمىمىي ئەسكەرتتى: بىرىنچىدىن، غەيرىي ھۆكۈمەت تەرەپ ئورۇنلىرىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تەشۋىقاتىغا ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش كېرەك. ساختا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئورۇنلىرى كۆپىنچە ھاللاردا مەكتەپلەرنىڭ تۈرلىرىنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىش، مەسىلەن: ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش مائارىپى بويىچە تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى بىلەن ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىش، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ ئىمتىھان بېرىش بىلەن پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئىشتىن ئايرىلىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇش تارىخى مائارىپىدىن ئىبارەت ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل ئوقۇش شەكلىنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىش، غەيرىي ئوقۇش تارىخى مائارىپى بىلەن ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىش قاتارلىق شەكىللەر بىلەن ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا – ئانىلىرىنى ئالدايدۇ. ئىككىنچىدىن، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان ۋاسىتىچى ئاپپاراتلارغا ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش كېرەك. دۆلەت ھەرقانداق تەشكىلات، ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋاسىتىچىلىك مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا رۇخسەت قىلمايدۇ. شۇڭا ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئاتا – ئانىلار ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغۇچى ئورۇنلارنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى ئەستايىدىل كۆرۈپ چىقىشى، ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسىدىن باشقا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسكە يەڭگىللىك بىلەن ئىشىنىپ كەتمەسلىكى لازىم. ئۈچىنچىدىن، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنىڭ ھەقىقىي ياكى ساختا ئىكەنلىكىنى پەرقلەندۈرۈشنى ئۆگىنىۋېلىش كېرەك. بۇنىڭدىكى ئەڭ ئاددىي ئۇسۇل شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورىغا چىقىپ، قوبۇل قىلىش نەتىجە ئۇچۇرلىرىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرۈش. تۆتىنچىدىن، كەيپىياتنى تەڭشەپ، ھەر خىل ئىش پۈتتۈرگۈچىلەرگە دوقۇرۇپ يۈرۈپ، ئورۇنسىز زىيان تارتىشتىن ساقلىنىش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى بۇ يىل ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نەتىجە ئۇچۇرلىرىنى داۋاملىق تۈردە توردا قەرەللىك ئېلان قىلىپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يوللار ئارقىلىق ئېرىشكەن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇچۇرلىرىغا ئالدىراپ ئىشەنمەسلىك كېرەك. بەشىنچىدىن، قانۇنسىز ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش قىلمىشلىرىنى ئاكتىپلىق بىلەن پاش قىلىش كېرەك. بۇنداق ئەھۋاللارغا يولۇققاندا، ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مەسلىھەت بېرىش مەخسۇس لىنىيەسى 8750000 – 0991گە ياكى ئاپتونوم رايوننىڭ 2014 – يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نەق مەيدانى ئىنتىزام تەكشۈرۈش نازارەتچىلىك پاش قىلىش تېلېفونى 8758128 – 0991گە خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون ئۇرۇپ ئەھۋال ئىنكاس قىلىش كېرەك.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق