باش بەت>>مائارىپ>>مائارىپ ئۇچۇرلىرى
كەلپىندىن داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرگە بېرىپ ئوقۇيدىغانلار كۆپەيدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئاراپات ھۈسەنجان | يوللانغان ۋاقىت:2014-08-27 18:50:00

 

\

5–ئاۋغۇست، كەلپىن ناھىيە كەلپىن بازىرى يارباغ ئاھالىلەر رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق مەردان مەخمۇت چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىنغانلىق چاقىرىقىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ ئىنتايىن خۇشال بولدى . بۇنىڭ بىلەن بۇ ناھىيەدىن ئىلگىرى –ئاخىر بولۇپ ئۈچ ئوقۇغۇچى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىنىپ، ئۇزۇندىن بۇيان ناھىيە تەۋەسىدىن بۇ ئىككى مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچى بولماسلىق تارىخىغا خاتىمە بەردى . ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 10 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى، شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى، جېجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارغا قوبۇل قىلىندى.

 

 

\

چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىنغان مەردان مەخمۇت بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان مەردان مىجىت، ئىرپانجان ئەھەت قاتارلىقلار بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق