باش بەت>>مائارىپ>>مائارىپ ئۇچۇرلىرى
توقسۇ ناھىيەسىدە مەكتەپلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش تەدبىرلىرى كۈچەيتىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئاراپات ھۈسەنجان | يوللانغان ۋاقىت:2014-08-27 18:50:54

 

توقسۇ ناھىيەسى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان مەكتەپلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش خىزمىتىگە يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىپ ، مەكتەپ بىخەتەرلىكىدىكى يوشۇرۇن خەۋپنى قەرەللىك تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۇرۇپ ، ناھىيە تەۋەسىدىكى 66 ئوتتۇرا ، باشلانغۇچ مەكتەپ ، ‹‹قوش تىل›› لىق بالىلار باغچىسى ۋە يەسلىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش خىزمىتىنى كۈچەيتتى . توقسۇ ناھىيەسى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە بالىلار باغچىلىرىدا قەرەللىك بىخەتەرلىك مانېۋىرى ئۆتكۈزۈپ، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىك ئېڭىنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىللە ، تۈرلۈك قوغدىنىش ئەسلىھەلىرىنى ئورناتتى . ئوقۇتقۇچى ، ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتىن قويۇپ بېرىلگەندە ، دەرس ئارىلىقىدا دەرۋازا ئالدىغا ئوقۇتقۇچى ئورۇنلاشتۇرۇش ھەم ئوقۇتقۇچى ، ئوقۇغۇچىلار كوللېكتىپ بېرىپ كېلىش تۈزۈمىنى يولغا قويدى . مەكتەپلەرنىڭ سەھىيە، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە يېمەكلىك تازىلىقىنى باشقۇرۇش خىزمەتلىرىنى چىڭ تۇتۇپ ، ئوقۇتقۇچى ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالامەتلىكىگە كاپالەتلىك قىلدى . ياتاقلىق مەكتەپلەردە مەكتەپ مەسئۇللىرى يېتەكچىلىك قىلغان ، ئوقۇتقۇچىلار نۆۋەتلىشىپ دىجورنىلىك قىلىش تۈزۈمى ئورنىتىپ ، تۇيۇقسىز ۋەقە يۈز بېرىشنىڭ ھەم يوشۇرۇن ئاپەتلەرنىڭ ئالدىنى ئالدى.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق