باش بەت>>مائارىپ>>مائارىپ ئۇچۇرلىرى
ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىكى ئەلىيۇلئەلالار ۋە داڭلىق مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغانلار كاتتا مۇكاپاتلاندى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئاراپات ھۈسەنجان | يوللانغان ۋاقىت:2014-08-27 18:14:26

 

\

26-ئىيۇل، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 2–ئوتتۇرا مەكتەپ 1–ئاۋغۇست ئارمىيە بايرىمى ۋە روزا ھېيىت ھارپىسىدا ، 2014–يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىكى ئەلىيۇلئەلالار ۋە داڭلىق مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغانلارنى داغدۇغىلىق مۇكاپاتلاش يىغىنى ئاچتى . ئاپتونوم رايون بويىچە ‹‹ قوش تىل›› ئىمتىھانىدىكى ئەلىيۇلئەلا مەۋلان ۋايىت ، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىنغان گاۋ جەن ، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىنغان مەردان مەخمۇت قاتارلىق 15 نەپەر ئوقۇغۇچى ئايرىم–ئايرىم ھالدا ئەلىيۇلئەلا مۇكاپاتى ، داڭلىق مەكتەپ مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ 30 مىڭ يۈەندىن 5 مىڭ يۈەنگىچە نەق پۇل بىلەن مۇكاپاتلاندى . ئىگىلىنىشىچە ، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 2 –ئوتتۇرا مەكتەپ ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئۈلگىلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ بولۇپ ، كۆپ يىللاردىن بۇيان ئۆزىنىڭ مول ئوقۇتۇش تەجرىبىسى ۋە ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ، ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى ماڭدۇرۇشتا گەۋدىلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشىش بىلەن تەشكىل ، جەمئىيەت ۋە ئاممىنىڭ بىردەك ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن .بۇ يىل مەكتەپ رەھبەرلىكى كۆپ يىللىق تەجرىبىلەرگە ئاساسەن بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنى 20 مىڭ يۈەن بىلەن ، باشقا داڭلىق مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنى 5000 ~ 8000 يۈەن بىلەن ، ئەلىيۇلئەلالارنى 10 مىڭ يۈەن بىلەن مۇكاپاتلاش چارىسىنى قوللىنىش ۋە باشقا يۈرۈشلۈك ئوقۇ –ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش تەدبىرلىرىنى قوللانغاچقا ، يىللاردىن بۇيانقى شانلىق نەتىجىلەر ئاساسىدا بۇ يىل يەنە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن . ۋىلايەت بويىچە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىكى تەبىئىي پەنلەر بويىچە ئالدىنقى 10 ئورۇندا تۇرغانلارنىڭ سەككىزى ، ئالدىنقى 20 ئورۇندا تۇرغانلارنىڭ 16 سى 2–ئوتتۇرا مەكتەپتىن چىققان ؛ ۋىلايەت بويىچە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىكى ئىجتىمائىي پەنلەر بويىچە ئالدىنقى 10 ئورۇندا تۇرغانلارنىڭ يەتتىسى ، ئالدىنقى20 ئورۇندا تۇرغانلارنىڭ 15 ى 2–ئوتتۇرا مەكتەپتىن چىققان ؛ قوش تىللىقلار بويىچە ئىمتىھان بەرگەنلەردىن مەۋلان ۋايىت 669 نۇمۇر بىلەن ئاپتونوم رايون بويىچە ئەلىيۇلئەلا بولغان . ئۈچ ئوقۇغۇچى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا ، بىر ئوقۇغۇچى چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىغا ، يەنە 11 ئوقۇغۇچى فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى ، جېجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ، جوڭگۇ خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارغا قوبۇل قىلىنغان . مۇكاپاتلاش يىغىنىدا يەنە ھەيۋەتلىك بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش ، ئەلىيۇلئەلالار ۋەكىللىلىرى تەسىرات ۋە تەجرىبە سۆزلەش ، كېلەر يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغان تولۇق 3-يىللىق ئوقۇتقۇچى ، ئوقۇغۇچى ۋەكىللىرى ئىرادە بىلدۈرۈش قاتارلىق يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈپ ، مەكتەپ ۋەدىسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىش ، تۆھپىكارلارغا ئىلھام بېرىپ تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلاش ، ئوقۇغۇچىلارنى يېڭى نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ئالدىن كۆزلىگەن ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى.

 

 
 
ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق