باش بەت>>مائارىپ>>مائارىپ ئۇچۇرلىرى
ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى تەسىس قىلىنغان 30 يىلدا ئىدىيە يېڭىلىنىپ، مائارىپنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشنىڭ ئىجابىي كۈچى توپلاندى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئەسقەر تۇرسۇن | يوللانغان ۋاقىت:2014-09-09 15:04:30

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 9-سىنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

خەلقنى مائارىپتىن رازى قىلىش، مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، مائارىپ ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئوقۇتقۇچىلار ئاچقۇچ. ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى تەسىس قىلىنغان 30 يىلدىن بۇيان، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى كۆرۈنەرلىك تارىخىي نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئورنى ئۈزلۈكسىز ئۆستى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەمىناتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەربىيىلەش سۈپىتى ئۈزلۈكسىز ئۆستى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپىي تەرەققىيات يوللىرى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى، ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىنىڭ جەلبكارلىقى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. مەملىكەت بويىچە ھەر دەرىجىلىك 14 مىليون 768 مىڭ 200 ئوقۇتقۇچى 520 مىڭ مەكتەپتە خىزمەت قىلىدۇ، ئۇلار 257 مىليون ئوقۇغۇچىغا ئىگە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ مائارىپ سىستېمىسىغا تىرەك بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ نوپۇس چوڭ دۆلىتىدىن ئادەم كۈچى بايلىقى چوڭ دۆلىتىگە ئايلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا زور تۆھپە قوشتى.

كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق