باش بەت>>مائارىپ>>مائارىپ ئۇچۇرلىرى
ئېلىمىز 20 مىڭدىن ئارتۇق خەنزۇتىلى خەلقئارا مائارىپى ماگىستېرىنى تەربىيەلىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئەسقەر تۇرسۇن | يوللانغان ۋاقىت:2014-09-14 15:16:09

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 14-سىنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

14-سىنتەبىر كۇڭزى ئىنستىتۇتى لوڭقىسى خەنزۇ تىلى خەلقئارا مائارىپ كەسپى ماگىستىرلىق ئوقۇتۇشى مۇسابىقىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، گوۋۇيۈەن ئۇنۋان ئىشخانىسى 2007-يىلى خەنزۇ تىلى خەلقئارا مائارىپى ماگىسىترلىق كەسپىي ئۇنۋانىنى تەسىس قىلغاندىن بۇيان، 20 مىڭدىن كۆپرەك جۇڭگولۇق ۋە چەتئەللىك ئاسپرانت تەربىيەلەنگەن.

ئىگىلىنىشىچە، 13-، 14-سىنتەبىر كۇڭزى ئىنستىتۇتى باش ئورگىنى بولغان دۆلەتلىك خەنزۇ تىلىنى خەلقئارادا ئومۇملاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى، مەملىكەتلىك خەنزۇ تىلى خەلقئارا مائارىپ كەسپىي ئۇنۋان ئاسپرانت مائارىپى يېتەكچىلىك كومىتېتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان كۇڭزى ئىنستىتۇتى لوڭقىسى خەنزۇ تىلى خەلقئارا مائارىپ كەسپىي ماگىستىرلىق ئوقۇتۇشى مۇسابىقىسى بېيجىڭ تىل ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى مۇسابىقە كۇڭزى ئىنستىتۇتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرىلەش يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى، مەقسىتى جۇڭگو ۋە چەتئەللەردىكى خەنزۇ تىلى خەلقئارا مائارىپ كەسپى ماگىستىر تەربىيەلەش نەتىجىلىرىنى كۆرگەزمە قىلىش، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ خەنزۇ تىلى خەلقئارا مائارىپى ئاسپرانتلىق كەسپىي ئۇنۋان ئاسپرانتلىرىنى تەربىيەلەش ئەندىزىسى ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولۇپ، مەكتەپلەرنىڭ تەربىيەلەش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش.

بۇندىن باشقا، چەتئەللەردىكى شۇ يەرلىك ئوقۇتقۇچىلارنى زور كۈچ بىلەن تەربىيەلەش ئۈچۈن، كۇڭزى ئىنستىتۇتى باش ئورگىنى بولغان دۆلەتلىك خەنزۇ تىلىنى خەلقئارادا ئومۇملاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى 2009-يىلى چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا «كۇڭزى ئىنستىتۇتى ئوقۇش مۇكاپاتى» تەسىس قىلىپ، ئۇلارنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ خەنزۇ تىلى خەلقئارا مائارىپ كەسپىدە ماگىستىرلىقتا ئوقۇشىغا مەدەت بەردى.

كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق