باش بەت>>مائارىپ>>مائارىپ ئۇچۇرلىرى
‏خوتەن، قەشقەر، قىزىلسۇ، ئاقسۇدا ئوتتۇرا مەكتەپلەر ھەقسىز بولىدىكەن
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2014-09-15 17:19:00

 

بۇ يىل كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ ئاقسۇ رايونىدىكى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى دۆلەتنىڭ ياردەم سىياسىتىگە ئېرىشىشنى باشلىغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۇلى، ماتېرىيال پۇلى قاتارلىق ئوقۇش راسخوتلىرى كۆتۈرۈۋېتىلگەن. ھازىرغىچە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت يەنى قەشقەر، خوتەن، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى شۇنداقلا ئاقسۇ قاتارلىق رايونلاردىكى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدە پۈتۈنلەي ھەقسىز بولۇش سىياسىتى يولغا قويۇلغان بولۇپ، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ مالىيە نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، جەنۇبىي شىنجاڭغا جايلاشقان تۆت رايوندىكى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلىرىگە ياردەم بېرىش سىياسىتىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى بولسا: جەنۇبىي شىنجاڭغا جايلاشقان تۆت ۋىلايەتتىكى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇش راسخوتىنى كۆتۈرۈۋېتىش، ئوقۇغۇچىلارغا ھەر مەۋسۇمى 600 يۈەندىن ياردەم تولۇقلىما پۇلى بېرىش، مەكتەپنىڭ نورمال ئوقۇتۇش خىزمىتى ئېلىپ بارالىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماتېرىيال پۇلىنى كۆتۈرۈۋېتىش، ئوقۇش ماتېرىياللىرىنى ئاپتونوم رايون بويىچە بىر تۇتاش سېتىۋېلىش، ئوبلاست، شەھەر، ناھىيىلىك مالىيە نازارىتىنى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپتە يېتىپ قوپۇش ۋە مەكتەپنى يۈرگۈزۈش چىقىملىرىنى ئۈستىگە ئېلىشقا مەسئۇل قىلىش، بۇنىڭدىن باشقا بۇ رايوندىكى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدا داۋاملىق ھالدا دۆلەتلىك ئوقۇش ياردەم پۇلى بېرىش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 2013-يىلى كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمى باشلانغاندىن بۇيان جەنۇبىي شىنجاڭ ئۈچ ئوبلاستتىكى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا قارىتا ياردەم بېرىش سىياسىتى يولغا قويۇلغان بولۇپ، ئىككىنچى قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مائارىپ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن.

كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق