باش بەت>>مائارىپ>>مائارىپ ئۇچۇرلىرى
ھاۋا ئارمىيەسىگە ئۇچقۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى باشلاندى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2014-10-21 17:19:37

 

 

 

مۇخبىرنىڭ ھاۋا ئارمىيە ئۇچقۇچى قوبۇل قىلىش ئىدارىسى لەنجۇ تاللاش مەركىزىدىن ئۇقۇشىچە، ھاۋا ئارمىيەسىگە 2015 – يىللىق ئۇچقۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى باشلانغان. ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئۇچقۇچى قوبۇل قىلىش خادىملىرى 13 – ئۆكتەبىردىن 31 – ئۆكتەبىرگىچە ئاپتونوم رايونىمىزغا كېلىپ، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە تەشۋىق قىلىش، تىزىملاش خىزمىتىنى ئىشلەيدىكەن.

ھاۋا ئارمىيەسىگە 2015 – يىللىق ئۇچقۇچى قوبۇل قىلىش ئاساسىي شەرتلىرى: ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلار، يېشى 19دىن ئاشمىغان بولۇش(1995 – يىل 9 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن كېيىن تۇغۇلغانلار)، ج خ ئورگانلىرى نوپۇسقا تىزىملىغان ۋاقىت ئۆلچەم قىلىنىدۇ، غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكە(ئاپتونوم رايون)نىڭ رەسمىي نوپۇسىغا ۋە ئوقۇش تەۋەلىكىگە ئىگە بولغان بولۇش، 2015 – يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا شۇ جاينىڭ بىرىنچى تۈركۈمدىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۆلچىمىگە يەتكەن، ئەقلىي، ئەخلاقىي، جىسمانىي جەھەتتىن ساغلام يېتىلگەن بولۇش كېرەك.

ئىگىلىنىشىچە، ھاۋا ئارمىيەسىگە 2015 – يىللىق ئۇچقۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىدە ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئاساس قىلىش گەۋدىلەندۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇنىۋېرسال تاللاپ قوبۇل قىلىش سىياسىتى يولغا قويۇلۇپ، ئوقۇغۇچىلار ئۇنىۋېرسال نەتىجىسى بويىچە قوبۇل قىلىنىدىكەن (ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى نەتىجىسى ۋە پىسخىكىلىق تاللاش نەتىجىسىنىڭ يىغىندىسى ئۇنىۋېرسال نەتىجە قىلىنىدىكەن). ئۇنىڭدىن باشقا، ھاۋا ئارمىيەسى ئۇچقۇچىلارنىڭ تەربىيەلىنىش قاتلىمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، تەربىيەلىنىش يوللىرىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە بېيجىڭ ئاۋىياتسىيە – ئالەم قاتنىشى ئۇنىۋېرسىتېتىدا ھاۋا ئارمىيە ئۇچقۇچىلار سىنىپى تەسىس قىلىپ، مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھاۋا ئارمىيەسىگە ئۆزىنى بېغىشلىشى، داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرگە ئىمتىھان بېرىپ، تالانتىنى نامايان قىلىشى ۋە ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا سەھنە ۋە يول ھازىرلاپ بەرگەن.

تىزىملىتىشنى خالايدىغانلار يەرلىك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى ۋە لەنجۇ تاللاش مەركىزى بىلەن ئالاقىلەشسە (تېلېفون نومۇرى 4865353 – 0931)، ھاۋا ئارمىيەسى ئۇچقۇچى قوبۇل قىلىش تورى (kjzfw.net://http)غا چىقىپ تەپسىلاتىنى سۈرۈشتۈرسە بولىدىكەن.

 

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق