باش بەت>>مائارىپ>>مائارىپ ئۇچۇرلىرى
جىمغۇرلۇق كېسىلى ۋە دەسلەپكى تەربىيە
مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2014-11-13 13:26:45

 

گۈلنار تۇرسۇن

جىمغۇرلۇق كېسىلى چوڭ مېڭە نېرۋىلىرىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان يېتىلىش جەھەتتىكى توسالغۇ بولۇپ، داۋالاپ ساقايتىش بىرقەدەر تەس. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇنداق كېسەللىك كۆپىيىۋاتىدۇ. سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئېلىمىزدە بۇنداق كېسەلگە گىرىپتار بولغان 0 ياشتىن 14 ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ سانى 2 مىليوندىن ئاشىدىكەن.

بۇنداق سانلىق مەلۇماتنىڭ ئارقىسىدا بۇ بالىلارنىڭ ناچار تۇرمۇش ئادىتى ۋە تەربىيەلىنىش ئەھۋالى مەۋجۇت. گەرچە ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ كۆپىنچىسى مائارىپ تارماقلىرىغا جىمغۇرلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنىڭ مەكتەپتە ئوقۇشى تەس بولۇش مەسىلىسىگە ئارىلىشىشنى مۇراجىئەت قىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ھازىر مەكتەپلەرگە كىرىپ ئوقۇيالايدىغان بۇنداق بالىلار ناھايىتى ئاز. «بىر يۈەن فوندى»نىڭ تەكشۈرۈشىگە قارىغاندا، دۆلىتىمىزدىكى جىمغۇرلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنىڭ پەقەت %10.43ى ئادەتتىكى مەكتەپلەردە، %13.80ى ئالاھىدە مەكتەپلەردە، كۆپىنچىسى پۇقراۋى ئاپپاراتلار ۋە ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركەزلىرىدە ئوقۇيدىكەن.

مائارىپتا ئومۇميۈزلۈك مائارىپ ئادىللىقى تەكىتلىنىدىغان بولۇپ، ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەھمىيەت بېرىلىپ، ھەر بىر بالىنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى، قىزىقىشى، ئىقتىدارى ۋە ئۆگىنىش تەلىپى ئېتىراپ قىلىنىدۇ. ئەگەر بىر مەكتەپ جىمغۇرلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىنى كەمسىتسە ياكى چەتكە قاقسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ ‹‹بارلىقىمىز ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن›› دېگەن قاراشقا ئەمەل قىلىدىغانلىقىدىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسىگە كەڭ قورساقلىق بىلەن ئادىل مۇئامىلە قىلغاندىلا، ئۇلارغا باراۋەر ياردەم قىلغىلى بولىدۇ. شۇڭا جىمغۇرلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئوقۇغۇچىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا، ئالدى بىلەن مەكتەپلەرنىڭ مائارىپ قارىشىنى ھەقىقىي ئۆزگەرتىش مۇھىم.

مېنىڭچە، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ كاپالەت ۋە قوللاش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش مائارىپ مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنىڭ ئۈنۈملۈك كاپالىتى. جىمغۇرلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنى تەربىيەلەش ۋە ساقايتىش ئۈچۈن، تارماق ۋە پەن ھالقىغان ھەمكارلىق بولۇشى كېرەك. مەسىلەن: جىمغۇرلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئانا – بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش مەركىزى، دەسلەپكى داۋالاش – تەربىيەلەش مەركىزى، يەسلى، ئالاھىدە مائارىپ يېتەكچىلىك مەركىزى قاتارلىق ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرى تەمىنلەيدىغان سىجىل داۋالاش ۋە تەربىيەلەش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولۇشى كېرەك. لېكىن بۇ جەھەتتە دۆلىتىمىز يەنىلا تېخى دەسلەپكى باسقۇچتا تۇرۇۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى شۇكى، داۋالاش، مائارىپ، ساقلىقنى ساقلاش قاتارلىق ئاپپاراتلار سىستېمىلىق، كەسپىي بولمىغاچقا، بايلىقلاردىن تەڭ بەھرىمەن بولمايدۇ.

 

ھەمبەھىرلەش
ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق