باش بەت>>مائارىپ>>مائارىپ ئۇچۇرلىرى
بالىلاردىكى ئاتا-ئانىغا تايىنىۋېلىش «كېسىلى» نى ۋاقتىدا داۋالىغان تۈزۈك
مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2014-11-13 14:44:31

 

تۇرسۇن قۇربان

ھازىر، كۆپىنچە ئائىلىلەر يالغۇز پەرزەنتلىك بولغاچقا، ئاتا – ئانىلار بالىلىرىنى ئەتىۋارلايدۇ. بۇنىڭ بىلەن بەزى بالىلار مۇستەقىللىقىنى يوقىتىپ، ئاتا – ئانىغا تايىنىۋېلىش «كېسىلى»گە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ. يېقىندا، سىرتقا كاماندىروپكىغا بېرىپ، قوشنا ناھىيەلەردىن كەلگەن كەسىپداشلار بىلەن پاراڭلىشىپ، بۇ جەھەتتىكى قىزىقارلىق ھېكايىلەرنى ئاڭلىدىم.

مەلۇم ئورۇندا رەھبەر بولغان بىرەيلەننىڭ ئوغلى بىلەن يېقىن ئۆتەتتىم، – دەپ گەپ باشلىدى بىرەيلەن: ئۇنى ئاتا – ئانىسى كىچىكىدىن نېمە دېسە شۇنى قىلىپ بېرىپ، ئەركە ئۆگىتىپ قويغانىدى. كېيىن ئۇ مەكتەپتىمۇ ياخشى ئوقىيالمىدى، ئالىي مەكتەپكىمۇ ئۆتەلمىدى. ئۆيلۈك – ئوچاقلىق بولغاندىن كېيىن ئاتا – ئانىسى ئۇنىڭغا دۇكان ئېچىپ بېرىپ، ئىشلىرىغا ياردەملەشتى، بالىسىنىمۇ بېقىپ بەردى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ يا بىر ئىشنىڭ بېشىنى تۇتمىدى، تۇتسىمۇ ئەپلەشتۈرەلمەي، يەنىلا ئاتا – ئانىسىنىڭ سايىسىدا ياشاشقا مەجبۇر بولدى. چۈنكى ئاتا – ئانىسى ئۇنى «توققۇزى تەل بەگزادە» قىلىپ ئۆگىتىپ قويغانىدى!؟

ناھىيەمىزنىڭ مەلۇم ئىدارىسىگە بىر يىگىت چېنىقىشقا چۈشۈپتۇ، ئىدارە باشلىقىنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە، بۇ يىگىتنى «كۈتۈش» ناھايىتى تەسكە توختاپتۇ، چۈنكى بۇ «بەگزادە» نازىر دادىسىنى پەش قىلىپ ئىدارىگە ئورۇنسىز تەلەپلەرنى قويۇپتۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۈندە ھاراق ئىچىپ جىدەل چىقىرىپ ئىدارە باشلىقىغا ئاراملىق بەرمەپتۇ، ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۇ نازىرنىڭ ئوغلى بولغاچقا نازارەتتىمۇ باشقۇرۇش تەسكە توختاپتىكەن، دېمەك، بۇ بالىمۇ ئاشۇنداق «توققۇزى تەل» ئەركە چوڭ قىلىنغان «بەگزادە» ئىكەن... دەپ گەپ تولۇقلىدى يەنە بىرەيلەن.

 

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق