باش بەت>>مائارىپ>>مائارىپ ئۇچۇرلىرى
ھىندىستانلىق ئوقۇغۇچىلار كۆچۈرۈش بىزنىڭ ھوقۇقىمىز دەپ جار سالدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2014-11-16 17:06:40

 

ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 15-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا ھىندىستاندا ھوقۇق- مەنپەئەت تالىشىش پائالىيىتى ئەۋجىگە چىقتى، بىر قىسىم ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى «كۆچۈرۈشنىڭ سەۋەبى بار» دەپ جار سالدى. ئۇلار يەنە مۇنداق دېيىشتى:«بۇ بىزنىڭ دېموكراتىك ھوقۇقىمىز! كۆچۈرۈش بىز تۇغۇلغاندىلا بار بولغان ھوقۇقتۇر!»

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ھىندىستاننىڭ بىر قىسىم رايونلىرىدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى تۈزۈلمىسىدە پارىخورلۇق ناھايىتى ئەۋج ئالغان بولۇپ، پۇلى بارلار ھەر خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىش ئارقىلىق ئىمتىھاندا ياخشى نەتىجىگە ئېرىشەلەيدۇ. ياشلار ئىچىدە يەنە شۇنداق ئالاھىدە بىر توپ باركى، ئۇلار ئوقۇغۇچىلار بىلەن پارىخور ئەمەلدارلار ئارىسىدا ۋاستىچىلىك رولىنى ئوينايدۇ.

ئۇندىن باشقا يەنە بىر خىل ئالاھىدە ئوقۇغۇچىلار قاتلىمى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ سىياسىي مۇناسىۋەت تورى ناھايىتى كەڭ، يەرلىكتىكى نامى خېلى چوڭ بولۇپ، ئىمتىھان كومسىيەلىرى ئۇلارنى ھېچقانداق قىلىشقا پېتىنالمايدۇ. بۇرۇن مۇنداق بىر ئىش بولغان، بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھان مەيدانىغا پىچاق ئېلىپ كىرگەن بولۇپ، ئۈستەلنىڭ ئۈستىگە قويۇپ قويغان، ئۇلار بۇ ئارقىلىق كومسىيەلەرگە ئاۋازسىز ھالدا «ماڭا چېقىلما، بولمايدىغان بولسا ... ...» دېمەكچى.

ئۇنداقتا نامرات ئوقۇغۇچىلار قانداق قىلىدۇ؟ ئۇلارنىڭمۇ دەيدىغان گېپى بار، ئەلۋەتتە. ئۇلار مۇنداق دېدى، پۇل بولسا، ھوقۇق بولسا باشقىلار كۆچۈرسە بولىدىكەن، بىز كۆچۈرسەك نېمىشقا بولمايدىكەن؟ بازارغا بېرىپ كۆچۈرۈش توغرىلىق كىتابتىن بىرنى سېتىۋېلىپ، كۆچۈرۈشنى ئۆگەنسەكلا ھەممە ئىش پۈتىدىكەن ئەمەسمۇ.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ھىندىستان ئالىي مەكتەپ تۈزۈلمىسىدە يوچۇق ۋە كەمچىلىكلەر خېلى كۆپ بولۇپ، ھەر بىر قاتلامدا ئوقۇغۇچىلارنى ئالدايدىغان ئىش كۆپ ئۇچرايدۇ. مەسىلەن ئوقۇغۇچىلار پارا بېرىش ئارقىلىق ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىدۇ، پۇل ئارقىلىق ئۇنۋانغا ياكى دىپلومغا ئېرىشىدۇ. ماگىستىر ئاسپىرانتلار ئۆزىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالىسىنى پۇل خەجلەپ باشقىلارغا يازغۇزىدۇ. پروفېسسورلارمۇ ئادەم ئالدايدۇ، ئەلۋەتتە، يەنى ئۇلار يالغان ئىلمىي ژۇرناللاردا ماقالە ئېلان قىلىدۇ.

بىر قېتىم ئاشكارىلىنىپ كەتكەن بىر دېلودا مەلۇم بىر ئالىي مەكتەپ ماگىستىر ئاسپىرانتلارنىڭ ئىلمىي ماقالىسىنى باشقا بىر تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىگە تاپشۇرۇپ بەرگەن. بۇنداق ئالدامچىلىق قىلىدىغان ئىش ھىندىستاندا ناھايىتى ئومۇملىشىپ كەتكەن بولسىمۇ، بىراق ماگىستىر ئاسپىرانتنىڭ ماقالىسىنى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىغا ئۆزگەرتىش مەسىلىسى ئۇنچە بەك كۆپ ئۇچرىمايدۇ.

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق