باش بەت>>مائارىپ>>مائارىپ ئۇچۇرلىرى
ئوقۇغۇچىغا تەن جازاسى بەرگەن ئوقۇتقۇچى مۇنداق بولدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:مېھرىگۈل | يوللانغان ۋاقىت:2019-07-29 20:12:51

7-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شەندۇڭ ئۆلكىسى ۋۇليەن ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ۋۇليەن ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ياڭ مۇئەللىمگە قوشۇپ بېرىلگەن بىر تەرەپ قىلىش قارارىنى بىكار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش تۆۋەندىكىچە:

يېقىندا، ناھىيەمىزدە، ئوقۇتقۇچى ياڭ X نىڭ ئوقۇغۇچىلارغا تەن جازاسى بېرىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. ناھىيەلىك پارتكوم، ناھىيەلىك ھۆكۈمەت بۇ ئىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مائارىپ ئىدارىسى، مەكتەپكە قاتتىق تەنقىدىي تەربىيە بەرگەن، 7-ئاينىڭ 23-كۈنى، مائارىپ ئىدارىسى قوشۇپ بېرىلگەن بىر تەرەپ قىلىش قارارىنى بىكار قىلغان.

ۋەقەگە چېتىشلىق ئوقۇتقۇچىنىڭ شەخسىي ئارزۇسىغا ئاساسەن، مەزكۇر ئوقۇتقۇچى ئەسلىدىكى مەكتەپتىن ۋۇليەن بىرىنچى ئوتتۇرا مەكتەپكە يۆتكەلگەن.

يېقىندا، ئالاقىدار ئىككى تەرەپ مۇرەسسە ھاسىل قىلغان.

ناھىيەلىك پارتكوم، ناھىيەلىك ھۆكۈمەت پۈتۈن كۈچى بىلەن ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا تەسەللىي بېرىپ، ئىدىيەۋى خىزمەت ئىشلىگەن. كېيىنكى قەدەمدە، بىز بۇ ئىشتىن ئىبرەت ئېلىپ، ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئوقۇتقۇچى ئەخلاقى، ئوقۇتقۇچى ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ھەقىقىي قوغدايمىز.

{ئىلگىرىكى خەۋەر}

يېقىندا، ۋۇليەن ئىككىنچى ئوتتۇرا مەكتەپتىكى بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرستىن قاچقان ئىككى ئوقۇغۇچىغا تەن جازاسى بەرگەنلىكى سەۋەبىدىن، مەكتەپ ۋە يەرلىك مائارىپ ئىدارىسى تەرىپىدىن ئېغىر جازاغا ئۇچرىغانلىق ۋەقەسى جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.

مەكتەپ ۋە باشقۇرغۇچى ئورۇنلار چىقارغان ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 4-ئاينىڭ ئاخىرىدا، ۋۇليەن ئىككىنچى ئوتتۇرا مەكتەپ 2016-يىللىق 3-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى لى XX، ۋاڭ XX ئىككىيلەن دەرستىن قېچىپ، تەنتەربىيە مەيدانىدا ئوينىغان، سىنىپ مەسئۇلى بىر ئوقۇغۇچىنى ئۇلارنى چاقىرىشقا ئەۋەتكەن، ئاندىن تۆتىنچى قەۋەتتىكى زالدا دەرسلىك كىتاب بىلەن ئۇلارنى ئۇرۇپ، ناچار تەسىر پەيدا قىلغان.

كېيىن، ۋۇليەن ئىككىنچى ئوتتۇرا مەكتەپ ياڭ XX نى بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدا مۇنداق قارار چىقارغان: خىزمەتتىن بىر ئاي توختىتىلىدۇ، ئۇرغان ئوقۇغۇچىسى ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن كەچۈرۈم سورايدۇ، مەكتەپكە يازمىچە تەكشۈرۈش يېزىپ تاپشۇرىدۇ؛ داۋالاش ھەققىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ، مۇنەۋۋەرلىككە سايلىنىش ھوقۇقى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ، ئوقۇتقۇچى ئەخلاقى باھالاش نەتىجىسى لاياقەتسىز قىلىنىدۇ؛ پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلىپ، مەمۇرى گۇناھ يېزىلىدۇ.

7-ئاينىڭ 2-كۈنى، ۋۇليەن ناھىيەلىك مائارىپ ۋە تەنتەربىيە ئىدارىسى، مەكتەپنىڭ بىر تەرەپ قىلىش قارارى ئاساسىدا، سىنىپ مەسئۇلى ياڭ XX كە قوشۇپ بېرىلگەن بىر تەرەپ قىلىش پىكرىنى ئېلان قىلغان: 1. ياڭ XX نىڭ 2019-يىلى 5-ئايدىن 2020-يىلى 4-ئايغىچە بولغان مۇكاپات خاراكتېرلىك ئۈنۈم ئىش ھەققى تۇتۇپ قېلىنسۇن؛ 2. ۋۇليەن ئىككىنچى ئوتتۇرا مەكتەپ 2019-يىللىق يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدا، ياڭ XX بىلەن «شەندۇڭ ئۆلكىسى كەسپىي ئورۇنلارنىڭ خادىم تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىش توختامى» تۈزمەسلىككە بۇيرۇلسۇن؛ 3. ياڭ XX، 2019-يىلى 7-ئايدىن باشلاپ، ۋۇليەن ناھىيەسىنىڭ ئىناۋەت ئۇچۇرىنى باھالاش سىستېمىسىدا «قارا تىزىملىك»كە كىرگۈزۈلسۇن.

 

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق