بەتنى ساقلىۋېلىڭ باش بەت قىلىۋېلىڭ
تەنتەربىيە  مائارىپ   مەدەنىيەت   پەن-تېخنىكا   ئىقتىساد   خەۋەر مەركىزى
توردىكى رادىيو  غەلىتە ئىشلار   كوچا پاراڭلىرى   ئەدەبىيات   قانۇن ۋە دېلو   سۈرەت ئامبىرى
مەخسۇس سەھىپە  ۋىدېيو   فىلىملەر   تارىختىكى بۈگۈن   گۈلىستان   ماتېرىيال
 
 

 

ئەخەت تۇردى

 

ئەخەت تۇردى 1940-يىلى قەشقەر شەھىرىدە قول ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1959-يىلىدىن 1964-يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىگە تەقسىم قىلىنىپ، «تارىم» ژورنىلى تەھرىر بۆلۈمىدە مۇھەرىر، مۇئاۋىن باش مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن. 1989-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ كەسپى يازغۇچىسى بولغان.

ئەخەت تۇردىنىڭ ھازىرغىچە «ئۇنتۇلغان كىشىلەر»، «ھايات شۇنداق»، «ئاي يامغۇرى»، «يىراقتا قالغان مۇھەببەت»، «سەرسان روھ»، «بەختسىز سەئىدىيە»، «قاباھەت» قاتارلىق رومانلىرى؛ «قىيانلىق دەريا»، «قەترە»، «ئەلۋىدا، كۆز يېشىم» قاتارلىق پوۋېست توپلاملىرى؛ «گۈلخان»، «گىرىمسەن يوللار»، «خەيرى-خوش توققۇز كۈنلۈك ماكان»، «بىر ئەۋلىيا ھەققىدە قىسسە» قاتارلىق ھېكايە ۋە ئەدەبىي ئاخباراتلار توپلىمى؛ «ئەۋلادتىن ئەجدادقىچە»، «دەۋر ساداسى»، «ئەدەبىي ئىجادىيەت توغرىسىدا ئويلىغانلىرىم» قاتارلىق ئون نەچچە پارچە ئەدەبىي ۋە ئوبزورلار توپلىمى نەشر قىلىنغان. «سەرسان روھ» ناملىق رومانى مەملىكەتلىك «تۇلپار» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

ئەخەت تۇردى ھازىر جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى. شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرستېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ پەخرىي پىروفېسسورى.

 
 
 
ياقۇپ مۇھەممەتروزى
ئەخمەتجان ھوشۇر
قەيسەر قۇربان
تۇرغۇن داۋۇت
رىسالەت ئابلا
دولقۇن قادىر
قاھار پولات
ئابلىز ئورخۇن
خالمۇرات ئىمىن
 
     
:ئۇيغۇرچە ئاخبارات تورلىرى        :(مۇھىم ئاخبارات تورلىرى  (خەنزۇچە      :(مۇھىم دۆلەت ئاپپاراتلىرى  (خەنزۇچە
جۇڭگو خەلق قۇرۇلتىيى | جۇڭگو ھۆكۈمەت تورى | جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى | ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى | ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى | دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئاخبارات ئىشخانىسى | دۆلەتلىك رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى
ئادرېس: بېيجىڭ شەھىرى شىچېڭ رايونى فۇشىڭمېن تاشقى كوچىسى 2-قورۇ
تېلېفون:86097477-010  فاكس:68045504-010  پوچتا نومۇرى:100866  uy@cnr.cn:ئېلخەت
京ICP备05065762号 京公网安备110102005709-4号 网上传播视听节目许可证号 0102002