باش بەت>>تارىختىكى بۈگۈن
25-ئاۋغۇست
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈلرىز سۈرئەت | يوللانغان ۋاقىت:2011-08-25 09:48:54
 
1986-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، كامېروندا 1200 كىشى يانار تاغدىن كەلگەن گازدىن زەھەرلىنىپ ھاياتىدىن ئايرىلغان. كامېروننىڭ شەرقىي شىمالىدىكى نىس يانار تېغىدىن چىققان زەھەرلىك گاز 1200 كىشىنى ئۇقىدىلا زەھەرلىنىپ ئۆلگەن. شامال زەھەرلىك گازنى ئاز دېگەندىمۇ ئەتراپتىكى ئۈچ يېزىغا يەتكۈزگەن شۇڭا كەنتتىكىلەر نەپەس ئالالماي ئۆلگەن.
1983-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو ھۆكۈمىتى جىنايى ئىشلار ھەرىكىتىگە قاتتىق زەربە بەرگەن. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى «جىنايى ئىشلار قىلمىشلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىش توغرىسىدىكى قارار» نى ئېلان قىلدى. قاراردا، جىنايى ئىشلار قانۇنىغا قاتتىق زەربە بېرىش-جەمئىيەت ئامانلىقى ساقلاش، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشنى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىشتىكى قورال دېيىلگەن.
1971-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، شىمالىي ئېرلاندىيە كىرىزىسقا چۈشۈپ قالغان. ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى جىددىي ئەھۋالدىكى ھوقۇقنى يۈرگۈزدى. ئېرلاندىيە جۇمھۇرىيىتىدىكى بىر قىسىم گۇمانلىق كىشىلەرنى نەزەربەند قىلغاندىن كېيىن، شىمالىي ئېرلاندىيەدە توپىلاڭ يۈز بەرگەن. بۇ قېتىملىق قوزغىلاڭ رىم كاتولىك دىنىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىدى. 300 كىشى ئەنگلىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن قولغا ئېلىندى.
1960-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، رىم ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلانغان. بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە 76 تۈردە ئولىمپىك رېكورتى بۇزۇپ تاشلانغان بولۇپ، يۇقىرى سەھىيەدىكى كاتتا مەرىكە ئىدى.
1912-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو گومىنداڭ پارتىيەسى بېيجىڭدا قۇرۇلغان. سۈن جۇڭشەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغان.
1819-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، كەشپىياتچى ۋات بېرمىنھامدا ئالەمدىن ئۆتكەن. جامېس ۋات (James Watt) دۇنيادا تۇنجى قېتىمقى يەككە ۋە بىرلەشمە ھەرىكەت شەكىللىك پار ماشىنىسىنى كەشىپ قىلغان دۇنيا سانائەت ئىنقىلابىنىڭ ئاساسچىسى. ۋات 1736-يىلى 19-يانۋاردا، ۋات شوتلاندىيەلىك كېمىسازلىق سانائەت مەركىزى بولغان گلازگونىڭ قېشىدىكى گىلىننوكتا دۇنياغا كەلدى. بوۋىسى ماشىنىسازلىق ئىشچىسى، دادىسى كېمىسازلىق ياغاچچىسى ئىدى. ۋات 19 يېشىدا لوندوندىكى بىر سائەتچىلىك دۇكىنىدا شاگىرت بولدى. 1756-يىلى ۋات رېماتىزىم كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ ، ئارام ئېلىش ئۈچۈن ئۆيىگە قايتتى.كېيىن دوستلىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن گلازگو ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇتۇش سايمانلىرىنى تەجرىبە قىلغۇچى بولدى. ئۇ دائىم خىمىيە ئوقۇتقۇچىسى، يوشۇرۇن ئىسسىقلىقنى ئىختىرا قىلغۇچى يۇسىپ بېراكى ۋە شۇ چاغدىكى ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى، كېيىنكى تەبىئەت پەلسەپىسى پىروفېسسورى جون روبسۇن بىلەن پار ماشىنىسىغا ئائىت مەسىلىلەرنى دائىم مۇزاكىرە قىلاتتى. مانا بۇلار ۋاتنىڭ بىرلەشمە ھەرىكەت شەكىللىك پار ماشىنىسىنى كەشىپ قىلىشى ئۈچۈن ئاساس سېلىپ بەردى. 1761- يىلىدىن باشلاپ ۋات بەزى تەجرىبىلەرنى ئىشلەشكە كىرىشتى. 1764-يىلى ۋات نىۋكومىننىڭ پار ماشىنىسىنى ئۆزگەرتىپ، يەككە ھەرىكەت شەكىللىك پار ماشىنىسىنى كەشىپ قىلدى .  1679-يىلى يانۋاردا، ۋات تۇنجى قېتىم پار ماشىنىسىنىڭ پاتېنت كىنىشكىسىگە ئىگە بولدى. 1775-يىلى ئەنگلىيە پارلامېنتى پەرمان ماقۇللاپ، ئۇنىڭ پاتېنت ھوقۇقىنى 25 يىل ئۇزارتىشقا قوشۇلدى. ۋات سودىگەرچىلىككە ئېپى بار ئىنژېنېر بولتون بىلەن بىرلىشىپ شىركەت قۇردى، شۇنىڭدىن كېيىنكى 25يىلدا ۋات-بولتون شىركىتى نۇرغۇنلىغان پار ماشىنىلىرىنى ياساپ چىقتى، شۇنىڭ بىلەن ئىككىسى بېيىپ كەتتى. 1781-يىلى ۋات ۋاللىق چىشلىق چاق كەشىپ قىلىپ پار ماشىنىسىنىڭ ئالدى كەينىگە ھەرىكەت قىلىشىنى ئايلانما ھەرىكەتكە ئۆزگەرتىپ پار ماشىنىسىنىڭ ئىشلىتىش دائىرىسىنى زور دەرىجىدە كېڭەيتتى ۋە 2-قېتىم پار ماشىنىسىنىڭ پاتېنتىغا ئىگە بولدى.  1782-يىلى ۋات كۆپ قېتىم تەجرىبە قىلىپ، مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان بىرلەشمە ھەرىكەت شەكىللىك پار ماشىنىسىنى كەشىپ قىلىپ،3-قېتىم پاتېنتقا ئىگە بولدى. 1784-يىلى ۋات 4-قېتىم ئۆزىنىڭ پاتېنتىغا ئىگە بولدى. بۇنىڭغا پار ماشىنىسىنىڭ بىر خىل تۇتاشتۇرغۇچى ئوقتىن تەركىب تاپقان قۇرۇلمىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇ پورشېن ئوقىنىڭ ئۇچىنى ساپ بىلەن تۇتاشتۇرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن تارتىشقا، ئىتتىرىشكە بولىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا ، يەنە تۈز سىزىقلىق سىلجىش ھەرىكىتىنى پەيدا قىلالايدۇ، دەپ يېزىلغان. يېرىم ئەسىردىن كېيىن، ۋات كەشىپ قىلغان بىرلەشمە ھەرىكەت شەكىللىك پار ماشىنىسى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا قوللىنىپ، سانائەت تارماقلىرىدىكى ئىنقىلابنى كۈچلۈك ئالغا سىلجىتتى. بىرلەشمە ھەرىكەت شەكىللىك پار ماشىنىسىنى كەشىپ قىلغان ۋە پار ماشىنىسىنىڭ سۈرئىتىنى ئاپتوماتىك كونترول قىلغۇچ، مانومېتىر، سانىغۇچ، كۆرسەتكۈچ ۋە ئېقىم تەڭشەش كىلاپانى قاتارلىق نۇرغۇن ئۆزگەرتىشلەردىن كېيىن پار ماشىنىسى ئىلغار ئېنېرگىيە مەنبەسىگە ئايلاندى، ۋات ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تەجرىبە خادىمىدىن ۋات بولتون شىركىتىنىڭ كاپىتالىستىغا ئايلاندى.  سانائەت ئىنقىلابى ئامېرىكا ۋە فىرانسىيە ئىنقىلابى بىلەن بىر ۋاقىتتا يۈز بەردى. شۇ چاغدا سانائەت ئىنقىلابىنىڭ يۈز بېرىشى ئىنسانىيەتنىڭ شۇنىڭدىن كېيىنكى تۇرمۇشىغا ھەر قانداق سىياسىي ئىنقىلابتىن بەكرەك تەسىر كۆرسەتتى، ۋات كەشىپ قىلغان پار ماشىنىسى سانائەت دەۋرىنىڭ يوپۇقىنى ئاچقانلىقتىن بىز ۋاتنى «دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن يۈز مەشھۇر شەخس» ئىچىدە 21-ئورۇنغا قويۇشقا ھەقلىقمىز.
 
ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق