باش بەت>>تارىختىكى بۈگۈن
26-ئاۋغۇست
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈلرىز سۈرئەت | يوللانغان ۋاقىت:2011-08-26 09:08:48
 
2002-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، سىجىل تەرەققىيات دۇنيا باشلىقلىرى يىغىنى جەنۇبىي ئافرىقىدا ئېچىلغان. «ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق دۇنيانى ئۆزگەرتەيلى» مەقسەت قىلىنغان بۇ يىغىن يوھانسبېرگدا ئېچىلغان. بۇ 1992-يىلى رىئودې ژانېيرودا يەرشارىدىكى باشلىقلار يىغىنىنى ئاچقاندىن كېيىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دۇنيا مۇھىتى مەسىلىسى توغرىسىدا ئاچقان ئىنتايىن مۇھىم يىغىن.
1980-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئېلىمىز ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايوننى رەسمىي تەسىس قىلغان. 15-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا شىنجىن، جۇخەي، شەنتۇۋ، شيا مېندا ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون قۇرۇشنى قارار قىلغان.
1973-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئېلىمىزدىكى تۇنجى سېكۇنتىغا بىر مىليون قېتىم ھېسابلايدىغان ئېلېكتىرونلۇق ھېسابلاش ماشىنىسى بېيجىڭدا بارلىققا كەلگەن.
1972-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، 20-نۆۋەتلىك ئولىمپىك مۇسابىقىسى مىيۇنخېندا ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ قېتىملىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە، سەككىز پەلەستىنلىك تېررورچى ئىسرائىلىيە كوماندىسىنىڭ 11 ۋەكىلىنى ئۆلتۈرگەن.
1920-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكا ئاياللىرى سايلام ھوقۇقىغا ئېرىشكەن. 81 يىللىق كۆرەش بۇ كۈنى ئاخىرلاشتى.
1789-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، فىرانسىيە «كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى»نى ئېلان قىلغان. بۇنىڭدا فېئودال تۈزۈمگە قارشى تۇرۇش، كاپىتالىستىك جەمئىيەتنىڭ ئاساسىي قائىدىسى چۈشەندۈرۈلگەن ماتېرىيال. كېيىن بۇ خىتابنامە 1791-يىلىدىكى ئاساسىي قانۇننىڭ ئاساسى قىلىنغان.
 
ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق