باش بەت>>تارىختىكى بۈگۈن
27-ئاۋغۇست
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈلرىز سۈرئەت | يوللانغان ۋاقىت:2011-08-26 17:42:19

1949-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، شەرقىي شىمال خەلق ھۆكۈمىتى رەسمىي قۇرۇلغان. 1949-يىلى 21-ئاۋغۇستتىن 26-ئاۋغۇستقىچە، شەرقىي شىمال خەلق ۋەكىللەر يىغىنى شىنياڭدا ئېچىلغان. يىغىنغا ھەر ساھەدىن 303 كىشى قاتناشقان. سايلامدا شەرقىي شىمال خەلق ھۆكۈمىتى كومىتېتى ۋۇجۇدقا كەلدى.

1939-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، دۇنيادىكى تۇنجى رېئاكتىپ ئايروپىلان دۇنياغا كەلگەن. بۇ ئايروپىلاننى گېرمانىيە ياساپ چىققان. رېئاكتىپلىق ماتور-ماتورنىڭ يۇقىرى سۈرئەتتە پۈركۈپ چىقارغان يېقىلغۇسىنىڭ ئەكس تەسىر كۈچى ئارقىلىق ئۇچقۇنى ھەرىكەتلەندۈرىدۇ.

1932-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، خەلقئارا ئۇرۇشقا قارشى تۇرۇش يىغىنى ئامېستىردامدا ئېچىلغان. 1932-يىلىدىن 1933-يىلىغىچە ئۇرۇش خەتىرى تولىمۇ كۆپەيگەن. توختىماي ئۇرۇشقا قارشى تۇرۇش، فاشىزىمغا قارشى دىموكراتىك ھەرىكەتلەر كۆپەيدى، بۇ ھەرىكەتنى زىيالىيلار قوزغىغان. 1932-يىلى ئەتىيازدا خەلقئارا ئۇرۇشقا قارشى تۇرۇش كومىتېتى قۇرۇلغان. 1932-يىلى 5-ئايدىن 8-ئايغىچە ھەر قايسى دۆلەتلەر يىغىن ئېچىپ، ئۇرۇشقا قارشى تۇرۇش ۋەكىللىرىنى سايلاپ چىقتى. يىغىنغا 5000 كىشى ئەۋەتىلمەكچى بولغان، بىراق ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ زىيانكەشلىكى تۈپەيلى، 25 دۆلەتتىن پەقەت 2244 كىشىلا يىغىنغا قاتناشقان.

1929-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، پەلەستىن مىللىي ھوقۇقلۇق ئورگىنىنىڭ رەئىسى ئارافات ئېرۇسالمىدا دۇنياغا كەلگەن. بەزىلەر ئۇنى 1929-يىلى 8-ئاينىڭ 4-كۈنى دۇنياغا كەلگەن دەپ قارايدۇ. 1969-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئارافات پەلەستىن قوراللىق كۈچىنىڭ رەھبىرى بولغان. 1950-يىلى قاھىرە ئۇنۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان. 1959-يىلى ئارافات «پەلەستىن مىللى ئازادلىق ھەرىكىتى» نى قوزغىغان. 1989-يىلى 4-ئاينىڭ 2-كۈنى ئۇ پەلەستىننىڭ زۇڭتۇڭى بولغان. 1994-يىلى 7-ئايدا، ئۇ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2004-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى ۋاپات بولغان.

1910-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئېدىسون ئاۋازلىق كىنونى كەشپ قىلغان. 1902-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئېدىسون باتارىيەنى كەشىپ قىلغان.1847-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى، توماس ئېدىسون ئوخايو شىتاتىدا تۇغۇلغان. 1931-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئامېرىكىلىق داڭلىق كەشپىياتچى، كارخانىچى توماس ئېدىسون 84 يېشىدا ۋاپات بولغان. دۇنيا خەلقىگە چىراق، فاتىفون، كىنو قاتارلىق يۈزدىن ئارتۇق كەشپىياتنى تەقدىم قىلغان بۇ ئۇلۇغ كەشپىياتچى سەھەر سائەت ئۈچتىن 24 مىنۇت ئۆتكەندە يېڭى جېرسى شىتاتىدىكى ئۆيىدە ئۇيقۇدا بۇ دۇنيادىن ئايرىلغان.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق