باش بەت>>تارىختىكى بۈگۈن
28-ئاۋغۇست
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈلرىز سۈرئەت | يوللانغان ۋاقىت:2011-08-27 16:59:03


 

2001-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئېرقىي كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش يىغىنىنىڭ ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلار مۇنبىرى جەنۇبىي ئافرىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن. جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى ئېلىپ سېتىلغان قۇللار، مۇستەملىكىچىك، ئېرقىي كەمسىتىشنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلارغا تۆلەم بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ئۆتمۈشتە نۇرغۇن قارا تەنلىكلەر قۇل قىلىپ سېتىلغان، مۇستەملىكە ۋە ئېرقىي كەمسىتىشنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان. ھازىر بولسا ئىقتىسادنىڭ يەرشارىلىشىشىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىماقتا. ئەگەر پۈتۈن دۇنيا ئىتتىپاقلاشمىسا، بۇ قېتىملىق يىغىننىڭ ئەھمىيىتى بولمايدۇ.

1999-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، روسىيە «تىنچلىق» ناملىق ئالەم بوشلۇق پونكىتىنىڭ ئىشلىتىلىشىنى توختىتىپ، ئادەم ئېلىپ ئۇچۇشنى ئاخىرلاشتۇرغان. «تىنچلىق» ناملىق ئالەم بوشلۇقى 120 توننا كېلىدىغان، ئەمەلىي رولى يوق سۈنئىي ھەمراھ. بۇ سۈنئىي ھەمراھ 1986-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى قويۇپ بېرىلگەن بولۇپ، ئۆمرى بەش يىل ئىدى، لېكىن سەككىز يىل خىزمەت قىلدى. 1400 نەچچە يېرىدە كاشىلا يۈز بەردى.

1995-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، مارادونانىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرگەندە 3-قېتىم مەسىلە چىققان. ئارگېنتىنا پۇتبۇلچىلىق جەمئىيىتى ئىككى قېتىم سۈيدۈك تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۇنىڭ روھلاندۇرۇش دورىسى يېگەنلىكىنى ئىسپاتلىغان ھەمدە ئۇنىڭغا مۇسابىقىدىن ۋاقىتلىق توختىتىلىش جازاسى بېرىلگەن. 1998-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى، مارادونا مۇخبىرنى ئۇرۇپ يارىلاندۇرغانلىقى ئۈچۈن ھۆكۈمگە بۇيرۇلغان. مارادونا 1994-يىلى 2-ئايدا يەل مىلتىق بىلەن ئۇنىڭ ئۆيى ئەتراپىدا مارادونانى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن كەلگەن تۆت مۇخبىرنى ئاتقان، ئۇنىڭغا ئىككى يىل 10 ئايلىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىپ، كېچىكىپ ئىجرا قىلىنماقچى بولغان. مارادونا 1961-يىلى ئارگېنتىنادا تۇغۇلغان. ئۇ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-90-يىللىرىدىكى دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ چولپانلارنىڭ بىرى، ئۇ پۇتبۇلچىلىق ھاياتىدا دۇنيا خەلقى ئۈچۈن نۇرغۇن قالتىس مۇسابىقىلەردە ماھارەت كۆرسەتكەن. بىراق 90-يىللاردا ئۇ زەھەر چېكىش، روھلاندۇرۇش دورىسى ئىشلىتىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، پۇتبول سەھنىسىدىن ئايرىلغان. 1997-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى، پۇتبول سەھنىسىدىكى چولپان مارادونا كەسپىي پۇتبول سەھنىسىدىن ئايرىلغانلىقىنى جاكارلىغان. كىشىلەر ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى. ئۇ 2010-يىللىق جەنۇبىي ئافرىقا دۇنيا لوڭقىسى پۇتبۇل مۇسابىقىدا ئارگېنتىنا كوماندىسىنىڭ تېرېنېرلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان.

1987-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، فىلىپپىندە سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن. سەھەردە زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنىڭ ئالدىدىكى بازاردا تولۇق قوراللانغان ئەسكەرلەر بېسىپ كىرگەن.

1981-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، شەخسىي كومپىيوتېر ئىشخانا ۋە ئائىلىلەرگە كىرىشكە باشلىغان.

 

1963-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، مارتىن لۇسېر كىڭ لىنكولىن خاتىرە سارىيىنىڭ ئالدىدا 250 مىڭ كىشىنىڭ ئالدىدا «مېنىڭ غايەم» ناملىق ئۆلمەس نۇتۇقىنى سۆزلىگەن. 1929-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى مارتىن لۇسېر كىڭ Martin Luther King، ئامېرىكىنىڭ ئاتلانتا شەھىرىدە تۇغۇلغان، ئۇنىڭ دادىسى پوپ بولۇپ، ئاپىسى مۇئەللىم ئىدى. گەرچە ئامېرىكىنىڭ ئۇرۇشتىن كېيىنكى ئىقتىسادىي سىياسىي، ھەربىي كۈچ جەھەتتىن ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلسىمۇ، لېكىن ئەينى ۋاقىتتا قارا تەنلىكلەر كەمسىتىشكە ئۇچرىغان. 1995-يىلى ئۇ ئىلاھىيەتشۇناسلىقتا دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشىپ پوپ بولغان. 1955-يىلى 12-ئايدا، ساقچىلار ئاممىۋىي ئاپتوبۇستىكى ئورۇننى ئايرىش بۇيرۇقىنى سەۋەب قىلىپ، قارا تەنلىك ئايالنى تۇتۇۋالغان، بۇنى ئاڭلىغان مارتىن بىر نەچچە قارا تەنلىكلەر بىلەن نامايىش ئۇيۇشتۇرغان. پۈتۈن شەھەردىكى 50 مىڭغا يېقىن قارا تەنلىك بىر يىلدىن ئارتۇق نامايىش ئۆتكۈزگەن. ھۆكۈمەت يەرلىكنىڭ ئاپتوبۇستىكى ئورۇن ئايرىۋېتىش بەلگىلىمىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا مەجبۇر بولغان. بۇ ئامېرىكىدىكى قارا تەنلىكلەرنىڭ تۇنجى قېتىم ئۆز كۈچى بىلەن غەلىبە قىلىشى، شۇنىڭ بىلەن 10 يىل داۋاملاشقان قارا تەنلىكلەرنىڭ ئەركىنلىكنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرىشى باشلاندى. 1963 گەرچە ئۇ دۇنيادىن ئۆتكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ غايىسى ئامېرىكىلىقلارنىڭ قەلبىگە ئورناپ كەتتى. ھەر يىلى 1-ئاينىڭ 3-دۈشەنبىسى«مارتىن لۇسېر كىڭ» كۈنى. 1968-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى ، ئامېرىكىدىكى قارا تەنلىكلەرنىڭ رەھبىرى مارتىن لۇسېر كىڭغا ئوق تېگىپ، 39 يېشىدا قازا قىلغان.


 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق