باش بەت>>تارىختىكى بۈگۈن
30-ئاۋغۇست
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈلرىز سۈرئەت | يوللانغان ۋاقىت:2011-08-29 13:55:01

2002-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو ئالىملىرى مۇنبىرى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن. پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى 700 دىن ئارتۇق كىشى يىغىنغا قاتناشقان. بۇ قېتىملىق مۇنبەر ئۈچ كۈن داۋاملاشقان، ئالىملار جۇڭگونىڭ زامانىۋىلىشىشى بىلەن كەلگۈسى، نامى تېخنىكىسى ۋە ئىگىلىك ئىنقىلابى، ھاياتلىق ئىلمى ۋە بىئوتېخنىكا توغرىسىدا سۆھبت ئېلىپ باردى.

2002-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئۈسكۈنە جابدۇق ياساش كۆرگەزمىسى شېنياڭدا ئۆتكۈزۈلگەن. ئۈسكۈنە جابدۇق ياسمىچىلىقى-خەلق ئىگىلىكىنىڭ تايانچ كۈچى شۇنداقلا دۆلەت ئۇنىۋېرسال كۈچىنىڭ بەلگىسى. بۇ قېتىملىق كۆرگەزمىگە 23 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن كارخانىلار قاتناشقان.

1997-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ھىندۇنىزىيەدىكى ئورمانلىقتا زور ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن. 300 مىڭ گېكتار ئورمانلىق كۆيۈپ تۈگىگەن. 271 كىشى قازا قىلغان. بۇ قېتىملىق ئوتنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى-ئۆسۈملۈك باغچىسى شىركىتىنىڭ قاقاس يەرلەرنى كۆيدۈرۈشىدىن كېلىپ چىققان.

1963-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ۋاشىنگتون بىلەن موسكۋا ئارىسىدا قىزىق نۇقتىلىق تېلىفون قىلىشقان. بۇنىڭدىكى مەقسەت دەل كۈتۈلمىگەن ئۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش. بۇ تېلىفون پەقەت جددىي ئەھۋال يۈز بەرگەندىلا، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئارىسىدىكى ئۇچۇرنى يەتكۈزۈش ئۈچۈنلا ئىشلىتىلىدۇ.

1951-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكا فىلىپپىن بىرلىكتە مۇداپىيەلىنىش شەرتنامىسىنى تۈزگەن. 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، فىلىپپىن مۇستەقىل بولغان، ئامېرىكا بولسا فىلىپپىندا ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشنى ئويلاپلا يۈرگەن. دەل بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكا بىلەن فىلىپپىن ۋاشىنگتوندا « ئامېرىكا فىلىپپىن بىرلىكتە مۇداپىيەلىنىش شەرتنامىسى» نى تۈزگەن، بۇ شەرتنامە 1958-يىلى 8-ئاينىڭ 27-كۈنى كۈچكە ئىگە بولۇپ، مۇددىتى چەكسىز.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق