باش بەت>>تارىختىكى بۈگۈن
31-ئاۋغۇست
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈلرىز سۈرئەت | يوللانغان ۋاقىت:2011-08-30 00:38:08

 

1997-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئەنگلىيە خانىشى دىئاننا پارىژدا قاتناش ۋەقەسىدە قازا قىلغان.1981-يىلى 7-ئاينىڭ 29-كۈنى، ئەنگىلىيە ئايال پادىشاھى ئېلزابىتىنىڭ ئوغلى شاھزادە چارلىس بىلەن مەلىكە دىئاننا لوندۇن سان پېتىربورگ چىركاۋىدا توي قىلغان. ئەينى ۋاقىتتا شاھزادە چارلىس 32 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئەنگىلىيە پادىشاھلىق ئورنىنىڭ بىرىنچى ۋارىسى ئىدى، مەلىكە دىئاننا بولسا 19 ياشقا كىرگەن بولۇپ، گىراف سىپىنسىرنىڭ قىزى، بۇرۇن لوندوندىكى بىر يەسلىدە ئوقۇتقۇچى بولغان. ئۇلار 1981-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى توي قىلىدىغانلىقىنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلغان. بۇ ئەنگىلىيە خان جەمەتىنىڭ 300 يىلدىن بۇيان تۇنجى قىتىم ئاقسۆڭەك ئائىلىسى بىلەن توي قىلىشى، شۇنداقلا 400 يىلدىن بۇيان ئەنگىلىيە پادىشاھلىق ۋارىسىنىڭ تۇنجى قېتىم سان پېتىربورگ چېركاۋىدا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشى، شۇڭلاشقا بۇ قېتىمقى توي مەرىكىسى پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى، كىشىلەر ئۇلارنىڭ تويىنى ئەسىر تويى دەپ ئاتاشتى. 1996-يىلى7-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئەنگلىيە شاھزادىسى چارلىز بىلەن خانىش دىئاننا ئاجراشقان. شۇ كۈنى لوندون يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ئىشلىرى سوتى ئالاھىدە دىلوسىغا ھۆكۈم چىقارغان. ئاجرىشىش سوتىغا بۇ ئىككەيلەن قاتناشمىغان. پەقەت ئاجرىشىش توختامىغا ئىمزا قويغان. دىئاننا 17 مىليون فوندستېرلىڭلىك بېقىش خىراجىتىگە ئېرىشكەن. ئىككەيلەننىڭ ئاجرىشىش سەۋەبلىرى كۆپ بولۇپ، ئاساسلىقى چارلىز شاھزادىنىڭ كامىلا بىلەن بولغان خۇپىيانە مۇھەببىتى ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا چارلىز پەقەت دىئاننانى خان جەمەتىنىڭ بۇيرۇقى بويىچىلا ئەمرىگە ئالغان بولۇپ، كامىلانى ئىزچىل ياخشى كۆرۈپ كەلگەن.

1998-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، Windows98 نىڭ خەنزۇتىلىدىكى نۇسخىسى ئېلان قىلىنغان.

1996-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، O-157 چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتىرىيىسى ياپونىيەدە ئەۋج ئالغان. چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتىرىيىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۈچەي يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكى ياپونىيەدىكى 44 ناھىيەگە يامراپ، 9000 دىن ئارتۇق كىشى يۇقۇملانغان، توققۇز كىشى ئۆلگەن.

1996-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، چېچىنىيە تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالانغان. روسىيەنىڭ جەنۇبىدىكى شىمالىي كاۋكازدىكى چېچىنىيە جۇمھۇرىيىتى مۇستەقىللىقنى جاكارلىغاندا، روسىيە تەرىپىدىن قانۇنسىز دەپ قارالدى. 1994-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى، روسىيە ھۆكۈمىتى چېچىنىيەنىڭ پايتەختى گىروزىيەگە بېسىپ كىرگەن. شۇنىڭ بىلەن چېچىنىيەدە ئۇرۇش ئوتلىرى لاۋىلداشقا باشلىغان. 1996-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى، روسىيە بىلەن چېچىنىيە تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان، شۇنىڭ بىلەن 20 ئايغا سوزۇلغان ئۇرۇش ئاخىرلاشقان.

1957-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، مالايسىيا مۇستەقىل بولغان. مالايسىيا ئەنگلىيەنىڭ مۇستەملىكىسىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولغان كۈنى، كۇۋالالومپېردا كەڭ كۆلەمدە تەبرىكلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، دۆلەت تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ ھەربىي پاراتتىن ئۆتۈشنى ئۆتكۈزگەن. مالايسىيانىڭ دۆلەت تىلى مالاي تىلى، ئىسلام دىنى ئاساسلىق دىن. مالايسىيا ئېلىمىز بىلەن 1974-يىلى 5-ئاينىڭ 31-كۈنى دىلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق