باش بەت>>پەن-تېخنىكا
ئەڭ ئىلغار ماشنا ئادەم ئالەم ئۇچقۇچىسى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئابدۇخالىق ئەمەت | يوللانغان ۋاقىت:2013-10-23 18:24:02

 

机器宇航员.jpg

 

 

  ئەڭ ئىلغار ماشىنا ئادەم ئالەم ئۇچقۇچىسى ئامېرىكا دۆلەت ئاۋىئاتسىيە - ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ ماشىنا ئادەم ئالەم ئۇچقۇچىسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ خۇددى راست ئادەمدەك قولى، ستېرېئولۇق كۆرۈش سېزىمى ۋە پۇتى بار، شۇڭا ئۇ ئالەم پونكىتى سىرتىدا بىمالال ئۇيان - بۇيان يۈرەلەيدۇ. ماشىنا ئادەم ئالەم ئۇچقۇچىسىنىڭ بېشىغا ئورنىتىلغان فوتو ئاپپارات كۆرۈش سەزگۈسى قوبۇل  قىلغان ئۇچۇرلارنى ئامېرىكا دۆلەت ئاۋىئاتسىيە ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىدىكى تېخنىك خادىمنىڭ كۆزەينىكىگە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ، ئارقىدىن تېخنىك خادىملار پەلىيىنىڭ ئىچىدىكى ماشىنا ئادەم ئالەم ئۇچقۇچىسىنىڭ گەۋدىسىدىكى سېزىش ئاپپاراتىغا تۇتاشتۇرۇلغان سىم ئورنىتىلغان قولى ئارقىلىق ماشىنا ئادەم ئالەم ئۇچقۇچىسىغا قوماندانلىق قىلىشنى باشلايدۇ. بۇ مېخانىكىلىق ئالەم ئۇچقۇچىسىنى لايىھىلەشتىن مەقسەت، ئالەم بوشلۇقى ساياھەتچىلىرىنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىغا ياردەملىشىش، بولۇپمۇ ئالەم بوشلۇقىدا  مۇھىم ۋە خەتەرلىك ۋەزىپىلەرنى ئىجرا قىلىشتىن ئىبارەت. كېيىكى بىر قانچە يىلدا بۇ ماشىنا ئادەم ئالەم ئۇچقۇچىسى ئالەمگە ئۇچۇشقا ئىشلىتىلىشى مۇمكىن. كەلگۈسىدە ئۇ خەلقئارالىق ئالەم پونكىتىغا مۇقىم ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. بۇ ماشىنا ئادەم ئالەم ئۇچقۇچىسى ئاددىي نېرۋا سىستېمىسىغا، يەنى بىر يۈرۈش سېزىش سىستېمىسى، يۇمشاق دېتال توك يولىغا ئىگە بولۇپ، بۇنىڭدا ئادەم بەدىنى ئاناتومىيىسىدىن ئۆرنەك ئېلىنغان. ئۇنىڭ كىچىككىنە كاللىسىدا چوڭ مىڭە بولغاچقا، ئىنژېنېرلار تىزگىنلەش ۋە قوماندانلىق قىلىش قۇرۇلمىسىنىڭ كۆپ قىسمىنى مەركەزلىك ھالدا ماشىنا ئادەم ئالەم ئۇچقۇچىسىنىڭ مېخانىكىلىق ئومۇرتقىسىغا ئورنىتىپ قويغان

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق