باش بەت>>پەن-تېخنىكا
ئالما شىركىتىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول سائىتى iWatch نىڭ ئۇقۇم سۈرەتلىرى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2013-10-24 09:22:46

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 22-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئالما شىركىتىنىڭ ئەقلى ئىقتىدارلىق قول سائىتى iWatch ئالما شىركىتىنىڭ بۇندىن بۇرۇنقى ئالما ئۇسلۇبىنى ئاساس قىلىپ مودا ھەم ھەرىكەتچان قىلىپ لايىھەلەنگەن بولۇپ، سۈرەتتىكى لايىھىلىگۈچى توماس بوگىنانىڭ لايىھە سۈرىتى. توماسنىڭ لايىھە سۈرىتىدە، iWatch نىڭ تاشقى لايىھىلىنىشى نايىكنىڭ FuelBand بېغىش پېيىنى ئۆرنەك قىلغان بولۇپ، iOS 7 ئىلمىنىتلىرى سىڭدۈرۈۋېتىلگەن. ئۇ سامسۇڭ، SONY قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ ئادەتتىكى قول سائىتى لايىھىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، كىشىنىڭ ھەيرانلىقىنى قوزغىغۇدەك يېڭىچە لايىھەلەنگەن . ئىلخەت، قىسقا ئۇچۇر، كالېندار ، مۇزىكا ۋە Siri ئاۋاز ياردەمچىسى قاتارلىقلار ئەگرى ئېكراندا نامايان بولىدۇ. ئىگىلىنىشچە، ئالما شىركىتى بەلكىم 2014-يىلى iWatch نىڭ سىرلىق چۈمپەردىسىنى ئاشكارىلىشى مۇمكىن ئىكەن.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق