باش بەت>>پەن-تېخنىكا
سامسۇڭ شىركىتى جۇڭگو ئېستىمالچىلىرىدىن ئەپۇ سورىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2013-10-24 09:48:09

 

 

ئىككى كۈن ئىلگىرى، مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىنىڭ ئىقتىساد قانىلى «يېرىم سائەتلىك ئىقتىساد» پىروگراممىسىدا ئۇدا سامسۇڭنىڭ بىر قىسىم تىپلىق يانفونلىرىدا، لايىھىلىنىش جەھەتتە كەمتۈكلۈك بولغانلىقتىن يانفوننىڭ دائىم قېتىۋېلىشى كېلىپ چىققان ھەمدە سامسۇڭ شىركىتىنىڭ سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت ھالقىسىدا، جۇڭگولۇق ئىستېمالچىلارغا ئادىل بولمىغان مۇئامىلە قوللانغانلىقىدەك خەۋەرلەر قويۇلغان ئىدى. پروگرامما قويۇلغاندىن كېيىن، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى تارتتى، 23-ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچ يېرىمدا، سامسۇڭ شىركىتى مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىنىڭ ئىقتىساد قانىلى ئارقىلىق جۇڭگو ئىستېمالچىلىرىدىن ئەپۇ سورىدى ۋە كارخانا تۈزىتىش باياناتنامىسىنى ئېلان قىلدى.سامسۇڭ شىركىتىنىڭ تۈزىتىش باياناتنامىسىدە:

1.«يېرىم سائەتلىك ئىقتىساد» پىروگراممىسى قويۇلغاندىن كېيىن، سامسۇڭ جۇڭگو مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتى يۈكسەك ئېتىبار بەردۇق، ھەمدە خەۋەرنىڭ مەزمۇنىغا قارىتا خاتالىقى ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلاندۇق، شۇنداقلا دەرھال مەخسۇس بىر تەرەپ قىلغۇچى كىچىك خىزمەت گۇرۇپپىسى تەشكىللىدۇق، بىز جۇڭگو ئىستېمالچىلىرىدىن چىن كۆڭلىدىن ئەپۇ سورايمىز.

2. خەۋەردە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن مەسىلە كۆرۈلگەن يانفونلاردىن S3(I939،I9300/CM16، I9308/M16، شۇنداقلا (NOTE2 (N719/M16,M7100/CM16,N7102/CM16,N7108/CM16 قاتارلىق جەمئىي يەتتە تىپلىق يانفونلارغا سامسۇڭ شىركىتى ئىشلەپچىقىرىشتىن مەسىلە كېلىپ چىققان يانفونلارنى ھەقسىز رېمونت قىلىپ بېرىدۇ.

3.ئەگەر ئىستېمالچىلاردىن يۇقىرىقىدەك مەسىلە كۆرۈلگەن يانفونلارنى ئىلگىرى رېمونت قىلدۇرۇپ ھەق تاپشۇرغان بولسا، سامسۇڭ شىركىتى رېمونت ھەققىنى قايتۇرۇپ بېرىدۇ.

4.ئەگەر ئىككى قېتىم رېمونت قىلىپمۇ يەنە نورمال ئىشلەتكىلى بولمىسا، سامسۇڭ شىركىتى ھەقسىز ئوخشاش تىپلىق يانفونغا ئالماشتۇرۇپ بېرىدۇ.

5.بۇ قېتىملىق مەسىلىگە چېتىشلىق يۇقىرىقى يەتتە تىپتىكى يانفونلاردىن 2012-يىلى11 -ئاينىڭ30-كۈنىدىن بۇرۇن ئىشلەپچىقىرىلغانلا بولسا، رېمونت قىلدۇرۇلغان-قىلدۇرۇلمىغان بولىشىدىن قەتئىي نەزەر، بىردەك (رېمونت) كاپالەت مۇددىتىنى بىر يىل ئۇزارتىلىدۇ. دەپ جاكارلىغاندىن باشقا يەنە مەزكۇر خەۋەرنى سامسۇڭ شىركىتى ئۆزىنىڭ ھۆكۈمەت تورىدا ئېلان قىلدى.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق