باش بەت>>پەن-تېخنىكا
iPhone نىڭ بۇ يىل 4-پەسىللىك سېتىلىش مىقدارى يۇقىرى رېكورت يارىتىدۇ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2014-10-22 16:07:48

 

iPhone 6 ۋە iPhone 6 Plus قاتارلىقلار ئوتتۇرىغا چىقىرىلغاندىن بۇيان، كەڭ ئىستېمالچىلارنىڭ ئاجايىپ دەرىجىدە ياخشى كۆرۈشىگە مۇيەسسەر بولۇپ، بازارغا سېلىنغان تۇنجى ھەپتىسىدىكى ئالدىن زاكاز قىلىنىش مىقدارى تارىختا يېڭى رېكورت ياراتقان. بۇنىڭ تەسىرىدە ئايفوننىڭ بۇ يىل تۆتىنچى پەسىللىك ئومۇمىي سېتىلىش مىقدارى زور دەرىجىدە ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن. Piper Jaffray ناملىق مەبلەغ سېلىش بانكىسىنىڭ ئانالىزچىسى Gene Munster نىڭ دوكلات قىلىشىچە، بۇ يىللىق روژدېستۋۇ بايرىمى ھارپىسىدىكى مال سېتىۋېلىش يۇقىرى دولقۇنى مەزگىلىدە، ئايفوننىڭ سېتىلىش مىقدارى 62 مىليونلۇق يۇقىرى رېكورتنى قولغا كەلتۈرۈشى مۇمكىن ئىكەن.

ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا، Gene Munster ئىسىملىك بۇ بازار ئانالىزچىسى ئېلان قىلغان دوكلاتتا، ئايفوننىڭ بۇ يىل تۆتىنچى پەسىللىك سېتىلىش مىقدارى 56 مىليون 700 مىڭدىن 62 مىليون 700 مىڭغىچە بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن. بۇ سان ئۆز نۆۋىتىدە ۋال كوچىسىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئوتتۇرىچە مۆلچىرى بولغان 60 مىليون بىلەن ئانچە بەك پەرقلەنمەيدىكەن، يەنە بەزىلەر بۇ ساننىڭ 63 مىليونغا يېتىدىغانلىقىمۇ تىلغا ئالغان. بۇلتۇر تۆتىنچى پەسىلدە، ئالما شىركىتى جەمئىي 51 مىليون دانە ئايفون سېتىپ چىقارغان بولۇپ، بۇ شۇ ۋاقىتتىكى پەسىللىك سېتىلىش مىقدارى بويىچە رېكورت ياراتقان. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەگەر يۇقاردا مۆلچەرلەنگەن سانلىق مەلۇماتلار ھەقىقەتەن ئەمەلگە ئاشسا، ئۇنداقتا ئايفوننىڭ بۇ يىل تۆتىنىچى پەسىلدىكى سېتىلىش مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %25 دىن %45 گىچە ئاشقان ھېسابلىنىدۇ.

ئەلۋەتتە، يۇقىرىقىدەك بۇنداق كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان سېتىش نەتىجىسى دەل iPhone 6 ۋە iPhone 6 Plus قاتارلىقلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىرىلغانلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، بۇ ئىككى خىل يېڭى ئايفون بازارغا سېلىنغان تۇنجى ھەپتىدىكى سېتىلىش مىقدارى تارىختا يۇقىرى رېكورت ياراتقان، شۇنىڭ ئۈچۈن، مۇتەخەسسىسلەر ئالما شىركىتىنىڭ بۇ يىل تۆتىنچى پەسىلدە يەنە بىر قېتىم يېڭى رېكورتنى قولغا كەلتۈرۈشىگە زور ئىشەنچ باغلىغان.

جۇڭگو بازىرىدىكى تۇنجى تارقىتىلىش قىزغىنلىقى iPhone 5 گە يەتمىگەن

Gene Munster نىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگو بازىرىنىڭ كەلگۈسى ئىككى پەسىللىك ئىپادىسى ئايفوننىڭ سېتىلىش مىقدارىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىكەن. چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، iPhone 6 ۋە iPhone 6 Plus قاتارلىقلار مۇشۇ ئاينىڭ 10-كۈنى جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدا رەسمىي ھالدا ئالدىن زاكاز قىلىشنى باشلىغان بولۇپ، تۇنجى ھەپتىلىك زاكاز مىقدارى 20 مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن.

بىراق، iPhone 6 ۋە iPhone 6 Plus قاتارلىقلارنىڭ جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدا رەسمىي سېتىلغان ۋاقتىدىكى قىزغىنلىق ئىلگىرىكىدەك ئۇنچە يۇقىرى بولمىغان. Venturebeat نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، iPhone 6 ۋە iPhone 6 Plus قاتارلىقلار جۇڭگودا سېتىشنى باشلىغاندىن كىيىن، بېيجىڭدىن باشقا جايلاردا، iPhone 6 ۋە iPhone 6 Plus نى سېتىۋالىدىغانلار ئالدىنقى نەچچە ئەۋلاد ئايفوننى سېتىۋالغان ۋاقىتتىكىدەك ئۇنچە كۆپ بولمىغان. يەنە قىسمەن ئۇچۇرلاردا دېيىلىشىچە، گەرچە 20 مىليون ئەتراپىدىكى جۇڭگولۇق ئىستېمالچى توردا يېڭى ئايفوننى سېتىۋېلىشقا تىزىملاتقان بولسىمۇ، بىراق، بۇلارنىڭ ئاران %10 -%15 ى زاكاز قىلىشنى ھەقىقىي تاماملىغان، يەنى توردا پۇلنى ئالدىن تۆلەپ ئايفون سېتىۋالغۇچىلار ئاران ئىككى ياكى ئۈچ مىليون ئەتراپىدا ئىكەن. ئىگىلىنىشىچە، 2012-يىلى 12-ئايدا، iPhone 5 جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقى بازىرىدا تۇنجى قېتىملىق سېتىشنى باشلىغان ۋاقىتتا، بىرىنچى ھەپتە ئىچىدىكى سېتىلىش مىقدارى 20 مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن ئىكەن.


ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق