باش بەت>>پەن-تېخنىكا
Apple Watch تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىشقا باشلاندى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2014-11-14 10:06:27

 

تەيۋەن تاراتقۇسى Digitimes نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئالما مەھسۇلاتلىرى ئۈچۈن ئۆزەك بىلەن تەمىنلىگۈچى شىركەت ئالمىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق سائىتى Apple Watch ئۈچۈن ئاللىقاچان ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشكەن، مۆلچەرلىنىشىچە، ئۆزەك زاكاز مىقدارى 2015-يىلىنىڭ بېشىغا بارغاندا كۆپىيىپ 30 مىليوندىن 40 مىليونغىچە يېتىشى مۇمكىن ئىكەن. Digitimes نىڭ ئىلگىرى بەرگەن خەۋىرىدە، ئالما شىركىتىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق سائىتى Apple Watch نىڭ 9-ئاينىڭ 9- كۈنى ئېلان قىلىنغاندىن باشلاپ، ئاللىقاچان قۇرۇلما سىناق باسقۇچى ۋە مەھسۇلات سىناق باسقۇچى قاتارلىق باسقۇچلارنى تۈگەتكەنلىكى ئېيتىلغان، Digitimes نىڭ بۇ قېتىمقى خەۋىرى Apple Watch ئەقلىي ئىقتىدارلىق سائىتىنىڭ ئاللىقاچان تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىش باسقۇچىغا كىرگەنلىگىنى، ھەم 2015-يىلىنىڭ بېشىدا بازارغا سېلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

ئالما شىركىتىنىڭ پارچە سېتىش دۇكانلىرى ۋە تور دۇكانلىرىنىڭ مۇئاۋىن باش لېدېرى Angela Ahrendts ئىلگىرى Apple Wacth ئەقلىي ئىقتىدارلىق سائىتىنىڭ 2015-يىلى باھاردا بازارغا سېلىنىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتكەن، خەۋەرلەرگە قارىغاندا ئالما شىركىتى Apple Wacth ئەقلىي ئىقتىدارلىق سائىتىنى 2015-يىلىدىكى ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىدا بازارغا سېلىشنى پىلانلاۋېتىپتۇ.

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق