باش بەت>>پەن-تېخنىكا
سامسۇڭ يان تېلېفۇنىنىڭ iPhone دىن ئىلغار 10 تۈرلۈك سەپلىمىسى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2014-11-20 10:40:21

 

پۈتۈن يەر شارىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون بازىرىنى ئەزەلدىن سامسۇڭ شىركىتى بىلەن ئالما شىركىتى كونترول قىلىپ كەلگەن بولۇپ، ئالما ۋە سامسۇڭدىن ئىبارەت ئىككى يانفون ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى ئۆز ئارا رىقابەتلىشىپ، بىر بىرىدىن دەم ئېشىپ دەم كەينىدە قېلىپ كەلگەنىدى. ئالما شىركىتىنىڭ iPhone 6 يانفونى بۇ يىل كۈزدە رەسمىي بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن پۈتۈن يەر شارى مىقياسىدا تالىشىپ سېتىۋېلىش دولقۇنىنى پەيدا قىلدى. سامسۇڭ شىركىتىنىڭ ئەڭ يېڭى بايراقدار يانفونى-Galaxy Note Edge يانفونىمۇ بوش كەلمىگەن بولۇپ، بۇ يانفونمۇ بۇ يىل 9-ئايدا ئېلان قىلىنىپ، 10-ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ رەسمىي سېتىلىشقا باشلىغانىدى.

سامسۇڭ شىركىتىنىڭ Galaxy Note Edge يانفونى بولسا پۈتۈن يەر شارى بويىچە تۇنجى بولۇپ يان گىرۋەك ئەگرى يۈزلۈك ئېكران لايىھىسى قوللىنىلغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون بولۇپ، بۇ يانفوننىڭ قاتتىق دېتال سەپلەنمىلىرى Galaxy Note 4 يانفونى بىلەن ئاساسەن ئوخشاپ كەتكەنىدى. بىز بۈگۈنكى ماقالىمىزدە ‹ تىجارەت ئىچكى سىرى› دا 11-ئاينىڭ 13-كۈنى ئېلان قىلىنغان ماقالىدىن رەتلەپ چىقىلغان مەزمۇنلار ئارقىلىق پەقەت سامسۇڭ Galaxy Note Edge يانفونى بىلەنلا ئورۇندىغىلى بولىدىغان، لېكىن ئالما 6 يانفونىدا ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدىغان 11 خىل ئىقتىدارنى تونۇشتۇرىمىز.

 

ھەمبەھىرلەش
ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق