باش بەت>>پەن-تېخنىكا
سامسۇڭ كېلەر يىلى قاتلىغىلى بولىدىغان ئەۋرىشىم ئېكرانلىق يانفون ياساپ چىقماقچى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2014-11-20 10:46:39

 

ئۆتكەن بىر نەچچە يىل ئىچىدە، سامسۇڭ شىركىتى ئىزچىل ھالدا ئەگمە يۈزلۈك ئېكران سەپلىنىدىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان، بىراق، سامسۇڭ شىركىتى نۆۋەتتە رەسمىي تۈردە ۋەدە بېرىپ، كېلەر يىلى ئېگىش ياكى قاتلاشقا بولىدىغان ئەۋرىشىم ئېكرانلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفوننى بازارغا سالىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ZDNet تور بېكىتىنىڭ ئاشكارىلىغان ئۇچۇرىغا قارىغاندا، سامسۇڭ شىركىتىنىڭ نىيۇيورك شەھىرىدە ئاچقان مەبلەغ سالغۇچى مۇنبىرىدە، شىركەت تەرەپ كۆپچىلىككە بۇ خىل ئەۋرىشىم ئېكرانلىق يانفوننىڭ ئۈنۈم رەسىمىنى نامايان قىلغان، تونۇشتۇرۇشلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ خىل يانفوننىڭ ئېكرانى ناھايىتى ئەۋرىشىم بولۇپ، خالىغانچە ئېگىشكە، ھەتتا قاتلاشقىمۇ بولىدىكەن.

سامسۇڭ شىركىتىنىڭ دېيىشىچە، ئۇلار 2015-يىلىغا بارغاندا، ئەۋرىشىمچانلىققا ئىگە (ئېگىشكە بولىدىغان ھەمدە ئېلاستىكىلىققا ئىگە) ئېكراننىڭ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى 40 مىڭغا يەتكۈزىدىكەن، تۇنجى ئەۋلاد ئەۋرىشىم ئېكرانلىق يانفون بولسا كېلەر يىلىنىڭ ئاخىرى رەسمىي ئېلان قىلىنىدىكەن. سامسۇڭ شىركىتى ئەڭ ئاخىرقى مەھسۇلات لايىھەسىنىڭ «تېخى مۇكەممەل بولمىغانلىقى» نى تىلغا ئالغان. شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى ، «ئەگمە يۈزلۈك» ۋە «ئېگىشكە بولىدىغان» دېگەن ئۇقۇمنىڭ ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى ھالقىلىق پەرق مەۋجۇت.

سامسۇڭ شىركىتىنىڭ Galaxy Note Edge、Galaxy Round يانفونلىرى ۋە LG G Flex قاتارلىق يانفونلارنىڭ ھەممىسىگە ئەگمە يۈزلۈك ئېكران سەپلەنگەن، بۇ خىل لايىھەنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق ئەۋزەللىكى بار بولۇپ، ئېكران ئۆچكەن ئەھۋالدىمۇ ئۇچۇرلارنى كۆرگىلى بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېلىپ يۈرۈشكە تېخىمۇ قۇلايلىق.

ھالبۇكى، يۇقاردا تىلغا ئېلىنغان يېڭى تېخنىكا بولسا، ئابونتلارنى قولى بىلەن يانفوننى قاتلاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلالايدۇ، بىراق، ھازىر بۇ تېخنىكا تېخى تولۇق ئىشقا ئاشقىنى يوق، چۈنكى، ئېكران قىسمىدىن سىرت، بىر تەرەپ قىلغۇچ، باتارېيە ۋە باشقا زاپچاسلارمۇ «قاتلىنىش» قا ماس كېلىدىغان بولۇشى كېرەك . ئەڭ يېڭى ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، سامسۇڭ ۋە LG قاتارلىق شىركەتلەر ئاللىقاچان ئېگىش ۋە قاتلاشقا بولىدىغان باتارېيەلەرنى تەتقىق قىلىشنى باشلىۋەتكەن.

ئۇنداقتا، ئابۇنتلار نېمە ئۈچۈن قاتلىغىلى بولىدىغان ئېكران سەپلەنگەن ئەقلىي يانفونغا ئېھتىياجلىق بولۇپ قالدى؟ بۇ خىل يانفوننىڭ ئەمەلىي ئىشلىتىش قىممىتى قانچىلىك؟ بۇ سوئاللارغا ھازىرچە ئېنىق جاۋاب بەرگىلى بولمايدۇ، بىراق، نەزەرىيە نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئېگىش ۋە ھەتتا قاتلاشقا بولىدىغان بۇ خىل ئېلاستىكىلىققا ئىگە يانفون ئادەتتىكى يانفونلارغا قارىغاندا تېخىمۇ چىداملىق ۋە تېخىمۇ پۇختا بولىدۇ دېيىشكە بولىدۇ.


ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق