باش بەت>>پەن-تېخنىكا
iPhone 6 دە تەمىنلەش ئىھتىياجنى قاندۇرالماسلىق مەسىلىسى مەۋجۇت
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2014-12-16 15:28:32

 

ئامېرىكا مەبلەغ سېلىش ئورگىنى Piper Jaffray نىڭ ئانالىزچىسى Gene Munster يىقىندا ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈش دوكلاتىنىڭ نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئالما شىركىتى ئېلان قىلغان iPhone 6 ۋە iPhone 6Plus قاتارلىقلارنىڭ بازارغا سېلىنغىنىغا ئۈچ ئايدىن ئاشقان بولسىمۇ، بىراق ھىلىھەم تەمىنلەش ئىھتىياجنى قاندۇرالمايدىغان ھالەتتە تۇرغان، ھېچ بولمىسا، ئامېرىكىدا شۇنداق ئىكەن.

تەكشۈرۈشتىن ئايان بولۇشىچە، iPhone 6 ۋە iPhone 6Plus قاتارلىقلاردا تەمىنلەش ئىھتىياجنى قاندۇرالماسلىق مەسلىسى مەۋجۇت بولۇپ، نەق مال بىلەن تەمىنلەش نىسبىتى ئاران %56 ئەتراپىدا ئىكەن. ئالدىنقى ئايلىق بازار ئەھۋالىغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشنىڭ نەتىجىسىمۇ يۇقارقى بىلەن ئوخشاش چىققان، يەنى ئالدىنقى ئايدا iPhone 6 ۋە iPhone 6Plus قاتارلىقلارنىڭ نەق مال بىلەن تەمىنلەش نىسبىتى %58 بولغان.
دېمەك، ئۆتكەن بىر ئاي ئىچىدە، ئالما شىركىتى يېڭىدىن ئېلان قىلغان بۇ ئىككى خىل ئايفوننىڭ مال تەمىنلەش مەسىلىسى ھەل قىلىنمايلا قالماستىن، بەلكى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ

كەتكەن. نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئالاقىدار ئورگانلار ئىلگىرى iPhone 6 ۋە iPhone 6Plus نىڭ نەق مال بىلەن تەمىنلەش نىسبىتىنىڭ %80 گە يېتىدىغانلىقىنى ئالدىن مۆلچەرلىگەن.

بۇ ئۆز نۆۋىتىدە كىلەر يىلى بىرىنچى پەسىل ئىچىدە، يېڭى ئايفوننىڭ سېتىلىش مىقدارىنىڭ داۋاملىق ياخشى بولىدىغانلىقىنى، چۈنكى، ھازىرقى باسقۇچتىكى ئىھتىياجنىڭ تېخى قاندۇرۇلۇپ بولالمىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن. بۇنىڭ تەسىرىدە، ئالما شىركىتىنىڭ كىلەر يىلى بىرىنچى پەسىللىك كىرىمى ئالدىن مۆلچەرلەنگەن قىممەتتىن %5 ئەتاپىدا ئېشىپ كېتىدىكەن.

يېڭى ئايفوننىڭ مال بىلەن تەمىنلەش نىسبىتى تۆۋەن بولۇش مەسىلىسىگە قارىتا، نۆۋەتتىكى ئەھۋالدا ئۇنىڭغا ئىھتىياجنىڭ يۇقىرى بولغانلىقى ياكى مال تەمىنلەش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەن بولغانلىقى سەۋەبچى بولغانلىقىنى ئېنىق جەزىملەشتۈرۈشكە بولمايدىكەن، بىراق، ئانالىزچىلار ئالدىنقى ئېھتىماللىقنى بىر قەدەر يۇقىرى دەپ قارىغان.




ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق