باش بەت>>پەن-تېخنىكا
ماسسىسى ئەڭ چوڭ، ئەڭ يورۇق ئاسمان جىسمى بايقالدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئوسمانجان يۈسۈپ | يوللانغان ۋاقىت:2015-03-05 16:35:09

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:

بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئالىملىرى ئالەمدىكى دەسلەپكى قارا ئۆڭكۈردە ماسسىسى ئەڭ چوڭ، ئەڭ يورۇق ئاسمان جىسمىنى بايقىدى، بۇ تەتقىقات نەتىجىسى يېقىندا خەلقئارالىدا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئىلمىي ژۇرنال «تەبىئەت»دە ئېلان قىلىندى.

3-مارت چۈشتىن بۇرۇن، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى كەۋلى ئاسترونومىيە ۋە ئاسمان جىسىملىرى فىزىكىسى تەتقىقاتخانىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. تەتقىقاتخانىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋۇ شۆبىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مەن رەھبەرلىك قىلغان تەتقىقات ئەترىتى يەرشارىدىن 12 مىليارد 800 مىليون نۇر يىلى يىراقلىقتىكى مەركەز قارا ئۆڭكۈر ماسسىسى قۇياش ماسسىسىنىڭ 12 مىليارد ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىغان ئالاھىدە يورۇق ئاسمان جىسمىنى بايقىدى.

بۇ مۇشۇ تۈركۈمدىكى ئاسمان جىسمىنىڭ ئالەم پارتلاپ 900 مىليون يىلدىن كېيىن شەكىللەنگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، ئۇنىڭ ھەجمىنىڭ قانچىلىك چوڭلۇقىنى ھازىر بار قارا ئۆڭكۈر، تۇرغۇن يۇلتۇز ۋە يۇلتۇزلار سىستېمىسى ئۆزگىرىش نەزەرىيەسى بىلەن چۈشەندۈرۈپ بېرىشكە ئىلاج يوق.

ۋۇ شۆبىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ ئاسمان جىسمى نېمىگە تەڭ كېلىدۇ دېگەندە، يۈز ياشلىق ئادەمنىڭ ئالتە ياش ۋاقتىدىكى ھالىتىگە تەڭ كېلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ بىر كىچىك بالا. بىراق بۇ قارا ئۆڭكۈر قۇياش ماسسىسىنىڭ 21 مىليارد ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، دېمەك، ئالتە ياشلىق بالىنىڭ ئېغىرلىقى نەچچە يۈز كىلوگرام كېلىدۇ دېگەن گەپ.

 

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق