باش بەت>>پەن-تېخنىكا
قول بېغىشىدىكى مۆجىزە
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئوسمانجان يۈسۈپ | يوللانغان ۋاقىت:2015-03-12 15:57:53

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 11-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:

شۇ يەر ۋاقتى 9-مارت چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10:00 دا، ئامېرىكا ئالما شىركىتى سان فرانسىسكودا يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، ئىستېمالچىلارنى تەقەززا قىلىپ كەلگەن ئالما سائىتى iWatch كۆپچىلىك بىلەن رەسمىي يۈز كۆرۈشتى. ئالما شىركىتىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە: ئالما سائىتى 10-ئاپرېل رەسمىي زاكاس قوبۇل قىلىشقا باشلاپ، 24-ئاپرېلدىن باشلاپ سېتىلىدىكەن، تۇنجى تۈركۈمدىكى بازار رايونى جۇڭگو ئىچكى قۇرۇقلۇقى بىلەن شياڭگاڭنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

ئالما سائىتىنىڭ كۆپ خىل نۇسخىسى تەمىنلىنىپ، باھاسى 349 ئامېرىكا دوللىرىدىن باشلىنىدىكەن، ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى Edition نۇسخىسى شەخسىيلەر زاكاس قىلدۇرىدىغان نۇسخا بولۇپ، سىرتىغا k18 لىق ئالتۇن يالىتىلغانكەن، ئەڭ قىممەت نۇسخىسىنىڭ باھاسى 126800 يۈەنكەن، ئالما سائىتىدە قىسقا ئۇچۇر ئەۋەتىش ۋە قوبۇل قىلىش، تېلېفون قىلىش، مۇزىكا قويۇش، ھاۋارايىدىن مەلۇمات بېرىش، كالېندار قاتارلىق ئاساسىي مەشغۇلاتلارنى قىلغىلى بولىدىكەن. بىراق ئۇ مۇستەقىل ئىقتىدارغا ئىگە ئەمەس. بۇ ئاساسىي ئىقتىدارلارنى iPhone غا ئۇلىغاندا ئاندىن ئىشلەتكىلى بولىدىكەن.

 

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق