باش بەت>>پەن-تېخنىكا>>كەشپىيات ۋە بايقاشلار
Nabu ئەقلىي ئىقتىدارلىق بىلەيزۈكى ئۈندىدارنى قوللايدۇ
مەنبەسى:نۇر تورى |تەھرىر:زۆھرە مۇختەر | يوللانغان ۋاقىت:2014-07-25 11:14:44


 

Razer شىركىتى پات ئارىدا چىقارماقچى بولغان Nabu ئەقلىي ئىقتىدارلىق بىلەيزۇك ئۈندىدارنى قوللايدۇ. بۇ خىل ئەقلىي ئىقتىدارلىق بىلەيزۇككە يەنە تېخىمۇ كۆپ ئىجىمائىي ئالاقە ئىقتىدارى قوشۇلغان. بىلەيزۇك ئېكرانىدا ئۈندىدار ئۇچۇرىنى ئەسكەرتكىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغاندىن سىرت، ئۈندىدار ۋە Razer شىركىتى ھەمكارلىشىپ بىلەيزۇكنى ئىشلەتكۈچى ئابونىت قول ئېلىشقان ياكى شاپىلاقلاپ كۆرۈشۈش ھەرىكىتى ئىشلىگەندە ئالاقىلەشكۈچىنى ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىكەن ھەمدە Nabu بىلەيزۇكى ئابونىتى ئۆزىنىڭ ئۈندىدارىدىكى دوستىنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇش ھالىتىدىكى ئۇچۇرىنى كۆرەلەيدىكەن.



 

1-ئايدىكى CES كۆرگەزمىسىدە، تۇنجى قېتىم Nabu ئەقلىي ئىقتىدارلىق بىلەيزۇكى كۆرگەزمە قىلىنغان، بۇ Razer شىركىتىنىڭ تۇنجى يۈرۈش تاقىما ئۈسكۈنىسى. Nabu ئەقلىي ئىقتىدارلىق بىلەيزۇكىنىڭ ئېكرانىدا ئىككى قۇر ئۇچۇر كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. ئەڭ ئىلغار بولغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىنىڭ ئىقتىدارىنى بەدەن چېنىقتۇرۇش بىلەيزۇكىدە پەيدا قىلغان. RE/code نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، Nabu كەلگۈسى ئىككى ئايدا ئامېرىكىدا سېتىش پائالىيىتى يولغا قويىدىكەن، بۇ مەھسۇلاتىنىڭ ئامېرىكىدىكى سېتىلىش باھاسى 100 ئامېرىكا دوللىتى ئەتىراپىدا بولۇپ، Nabu بۇ يىل تۆتىنچى پەسىلدە بۇ مەھسۇلاتنى جۇڭگودا بازارغا سالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

 




ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق