باش بەت>>پەن-تېخنىكا>>كەشپىيات ۋە بايقاشلار
يانفون كەسپىنى سېتىۋەتكەندىن كېيىن، نوكىيانىڭ تىجارىتى گۈللەندى
مەنبەسى:نۇر تورى |تەھرىر:زۆھرە مۇختەر | يوللانغان ۋاقىت:2014-07-25 10:55:58

يانفون كەسپىنى مىكروسوفىتقا سېتىپ بەرگەنلىكى شۇنداقلا جۇڭگو بازىرىدىكى تىجارەت ئەھۋالىنىڭ ياخشى بولۇشىنىڭ تەسىرىدە، نوكىيا شىركىتى بۇ يىل 2-پەسىلدە ئەسلىدىكى زىيان تارتىش ھالىتىدىن پايدا ئېلىشقا قاراپ يۈزلەنگەن، ئۇنىڭ بۇ جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىسى بازار تەھلىلچىلىرىنىڭ مۆلچەرىدىن ئېشىپ چۈشكەن. بۇنىڭ بىلەن، نوكىيا شىركىتى كېيىنكى قەدەمدە ئىشقا ئاشۇرماقچى بولغان نىشانىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرگەن.

2014-يىلى 2-پەسىلدە، نوكىيا شىركىتى جەمئىي ئىككى مىليارد 510 مىليون ياۋرو ساپ پايدىنى قولغا كەلتۈرگەن ، بۇلتۇر ئوخشاش مەزگىلدە بولسا، ئۇلار جەمئىي 226 مىليون ياۋرو زىيان تارتقان ئىدى، شىركەتنىڭ زىياننى پايدىغا ئايلاندۇرۇشىغا ئاساسلىقى 4-ئايدا نوكىيانىڭ يانفون كەسپىنى ئۈچ مىليارد 200 مىليون ياۋرو باھادا مىكروسوفىتقا سېتىپ بەرگەنلىكى سەۋەبچى بولغان.

ئەگەر يانفون كەسپىنى مىكروسوفىتقا سېتىپ بەرگەنلىكىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئۇنداقتا بۇ يىل 2-پەسىلدە نوكىيانىڭ تارتقان زىيىنى 26 مىليون ياۋروغا يېتىشى مۇمكىن ئىكەن.

بۇ يىل 2-پەسىلدە، نوكىيا شىركىتىنىڭ ئومومىي تىجارەت سوممىسى ئىككى مىليارد 940 مىليون ياۋروغا يېتىپ، بازار تەھلىلچىلىرىنىڭ ئالدىن مۆلچەرلىگەن سەۋىيەسىدىن ئېشىپ كەتكەن؛ تىجارەت كىرىمىدىن ياراتقان پايدا سوممىسى بولسا 284 مىليون ياۋروغا يەتكەن.

يانفون كەسپىنى سېتىۋەتكەندىن كىيىن، نوكىيانىڭ ئاساسلىقى كەسپلىرىدىن پەقەت كۆچمە تور تارمىقىلا ئېشىپ قالغان بولۇپ، بۇ كەسپتىن كىرگەن كىرىم شىركەتنىڭ ئومومىي تىجارەت سوممىسىنىڭ %90 ىنى ئىگەللىگەن، ئىگەللىنىشىچە، نوكىيانىڭ كۆچمە تور كەسپىنىڭ ئاساسلىق رىقابەتچىلىرى شىۋىتسارىيەدىكى ئېرىكسون ۋە جۇڭگودىكى خۇاۋېي قاتارلىقلار ئىكەن.

ئۇزۇن مەزگىللىك زىيان تارتىش ۋە ئېشىنچە ئىشلەپچىقىرىش ھالىتىنى باشتىن كەچۈرگەن نوكىيا شىركىتى بىر تەرەپتىن چىقىمنى تېجەش تەدبىرلىرىنى يولغا قويسا، يەنە بىر تەرەپتىن بىر قىسىم كەسپلىرىنى باشقا كارخانىلارغا سېتىپ بەرگەن، نوكىيانىڭ قولىدا ئېشىپ قالغان كۆچمە تور كەسپى بۇلتۇردىن باشلاپ پايدا يارىتىش ھالىتىگە ئۆتكەن.

پەيشەنبە كۈنى، نوكىيا شىركىتى قارار ئېلان قىلىپ، كۆچمە تور كەسپىنىڭ تىجارەت نىشانىنى قايتىدىن تەڭشىگەن، شۇنداقلا بۇ يىلنىڭ كىلەركى يېرىم يىلىدا تېخىمۇ كۆپ پايدا يارىتىش نىشانى بارلىقىنى بىلدۈرگەن، نوكىيانىڭ دىيىشىچە، بۇ يىل كۆچمە تور كەسپىنىڭ پايدىسى ئاز دىگەندە %5 دىن %10 گىچە بولىدىكەن.

ئەمەلىيەتتە، نوكىيانىڭ «باش قېتىنچىلىقى» غا ئايلىنىپ قالغان يانفون كەسپىنى مىكروسوفىتقا سېتىپ بېرىشى ئۇنىڭ بارلىق زېھنىنى كۆچمە تور كەسپىدىن ئىبارەت بىرلا ساھەگە قارىتىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن، بۇ نوكىياغا مەبلەغ سالغۇچىلار ۋە كەسپى ساھەدىكى تەھلىلچىلەرنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە مۇيەسسەر بولغان.

جۇڭگو بازىرىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرۈش كۈچى

خەۋەرلىشىش كارخانىلىرىنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بىرىۋاتقان ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون ئىستېمالىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، تور ئەسلىھەلىرى ۋە سىستېمىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشى نەتىجىسىدە، نوكىيا شىركىتىنىڭ كۆچمە تور كەسپىنىڭ جۇڭگو بازىرىدا قولغا كەلتۈرگەن كىرىمى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %18 ئاشقان. بىراق، ئۇنىڭ ياۋروپا ۋە شىمالىي ئامېرىكا قاتارلىق رايونلاردا يولغا قويغان تور كەسپىنىڭ كىرىمىدە %8 تۆۋەنلەش بولغان، نوكىيا تەرەپنىڭ مۆلچەرلىشىچە، تور كەسپىنىڭ كىرىمى كىيىنكى يېرىم يىلدا ئېشىش ھالىتىگە ئۆتىدىكەن.

نوكىيا شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى Rajeev Suri بۇ ھەقتە مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:

«بۇ يىل نوكىيا شىركىتى جۇڭگودا غايەت زور تەرەققىيات پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈردى، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى، بارلىق كارخانىلار ئۆزىنىڭ تور قاپلاش كۆلىمىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن كېڭەيتىۋاتقان بولۇپ، بۇ خىل ھالەت بىر نەچچە پەسىل ئەمەس، بەلكى خىلى ئۇزۇن بىر ۋاقىتقىچە داۋاملىشىشى مۇمكىن، چۈنكى، ۋاقىت ئۇزۇن بولغاندا، ئاندىن ئۇنىڭ ئۈنۈمىنى كۆرگىلى بولىدۇ. »

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق