باش بەت>>پەن-تېخنىكا>>كەشپىيات ۋە بايقاشلار
نوكىيانىڭ 3D ئىكران سەپلەنگەن يېڭى يانفونىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
مەنبەسى:نۇر تورى |تەھرىر:زۆھرە مۇختەر | يوللانغان ۋاقىت:2014-07-25 11:03:37

يىقىنقى بىر نەچچە كۈندىن بۇيان ھەرقايسى چوڭ تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە ئەڭ تارتىپ كەلگىنى مىكروسوفىت شىركىتى  بولسا كىرەك، ئالدى بىلەن، ئۇلار 18000 نەپەر خادىمنى قىسقارتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، مىكروسوفىت تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ بىر قېتىملىق خادىم قىسقارتىش ھەرىكىتىنى ۋۇجۇتقا چىقاردى. ئۇلار ھەتتا ئەمدىلا ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان نوكىيا X يانفونىنى داۋاملىق تەتقىق قىلىشنى توختاتتى، ئۇندىن باشقا، Asha ۋە S40 قاتارلىقلارنى بىراقلا ئەمەلدىن قالدۇردى. يەنە بىر تۈرلۈك ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، مىكروسوفىت نۆۋەتتە يەنەMcLaren دەپ ئاتىلىدىغان 3D سېزىمچان ئىكران سەپلەنگەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون تۈرىنىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى پىلانلىماقتا ئىكەن.

ئىگەللىنىشىچە، بۇندىن ئىلگىرى ئاشكارىلانغان بىر پارچە ئۇچۇردا، نوكىيا شىركىتىنىڭ 3D دىگەن ئالاھىدە ئىسىم قويۇلغان بىر خىل يېڭىچە نۇسخىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان، بۇ يانفوننىڭ ئەڭ يارقىن نۇقتىسى، ئۇنىڭغا كۇۋالكوم 805 تىپلىق ئەڭ يېڭى ۋە ئەڭ كۈچلۈك بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن بولۇپ، قول ئىشارىتىنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنىمۇ ئۆزىدە ھازىرلىغان. بىراق، ھازىرقى يېڭى ئۇچۇردا دىيىلىشىچە، مىكروسوفىت شىركىتى نۆۋەتتە بۇ يانفوننى تەتقىق قىلىش خىزمىتىنى توختىتىشنى قارار قىلغان بولۇپ، بۇ خەۋەر ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى ئىنتايىن ئۈمىدسىزلەندۈرىدىكەن.

Windows Phone Central دىن كەلگەن خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، مىكروسوفىت شىركىتى يىقىندا زور كۆلەمدە خادىم قىسقارتىش ئېلىپ بارغان بولغاچقا، McLaren يانفونىنى تەتقىق قىلىش خىزمىتىنى ئامالسىزلىقتىن توختاتماقچى بولغان. ئەسلى پىلان بويىچە بولغاندا، McLaren يانفونى بۇ يىل كۈزدە ئېلان قىلىنىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭغا Windows Phone 8.1 GDR 2 سىستېمىسى سەپلىنەتتى.

نوكىيا شىركىتىنىڭ ئۇسلۇبى بويىچە بولغاندا، ئالما شىركىتى يېڭى بىر ئەۋلاد ئايفوننى ئېلان قىلسا، نوكىيا دەرھال ئۇنىڭغا ئەگىشەتتى، ھالبۇكى، بازار رىقابىتى ئىنتايىن كەسكىن بولۇۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە، نوكىيانىڭ ئالما شىركىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى بارغانسېرى كىچىكلەپ كەتتى، ئاخىرىغا بارغاندا بولسا، نوكىيا شىركىتى بىراقلا مىكروسوفىتنىڭ دالدىسىغا ئۆتۈپ قالدى. McLaren يانفونىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى نوكىيا ۋە مىكروسوفىت قاتارلىقلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون بازىرىدىكى ئورنىغا چوڭ تەسىرلەرنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.

ئەگەر McLaren يانفونى راستىنلا ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولسا، ئۇنداقتا، بۇ يىل كۈزدە يېڭى نۇسخىدىكى لۇمىيا يانفونى ئېلان قىلىنمامدۇ؟ ئۇنداق بولۇشى ناتايىن، مىكروسوفىت شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى نادېللا ۋە ئۈسكۈنە گوروھىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئىلوپ قاتارلىقلار ئېلان قىلغان خادىم قىسقارتىش ئۇقتۇرۇشىدا دېيىلىشىچە، مىكروسوفىت كەلگۈسىدە بۆسۈش خاراكتېرلىك يېڭىلىق يارىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، Windows Phone ئۈسكۈنىلىرىنى يۇقىرى سەپلىمىلىك ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلار قاتارىدىن ئورۇن ئالدۇرىدىكەن، مىكروسوفىت شىركىتى يانفون كەسپى تارمىقىنىڭ مەسئۇلى Jo Harlow نىڭ دىيىشىچە، ھازىرقى لۇمىيا 930، لۇمىيا 1520 قاتارلىقلاردىن باشقا، يېڭى نۇسخىدىكى بايراقدار دەرىجىلىك لۇمىيا يانفونى پات-ئارىدا كۆپچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشىدىكەن.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق