باش بەت>>پەن-تېخنىكا>>كەشپىيات ۋە بايقاشلار
تەتقىقاتچىلار ئاۋاز ئارقىلىق يانفونغا توك قاچىلاشنى ئىشقا ئاشۇردى
مەنبەسى:نۇر تورى |تەھرىر:زۆھرە مۇختەر | يوللانغان ۋاقىت:2014-08-20 12:44:53

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدە دىيىلىشىچە، يانفون توك مىقدارىنىڭ مۇھىم ۋاقىتلاردا تۈگەپ قىلىشىدەك ئەھۋاللارغا قارىتا، لوندوندىكى ئالىملار يېڭىدىن بىر خىل يانفونغا توك قاچىلاش قۇرۇلمىسىنى تەتقىق قىلىپ چىققان بولۇپ، ئادەملەر پەقەت يانفوننى ئېغىزىغا تۇتۇپ كۈچەپ ۋاقىراش ئارقىلىقلا ئۇنىڭغا توك قاچىلىيالايدىكەن.

ئەنگىلىيەدىكى مارى ئايال پادىشاھ ئىنىستىتۇتى (Queen Mary, University of London) دىكى تەتقىقاتچى خادىملار ئۇزۇن مەزگىل تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئاۋاز ئارقىلىق يانفونغا توك قاچىلاشنى ئىشقا ئاشۇرغان، مەسىلەن، ۋاراڭ-چۇرۇڭغا لىق تولغان كۆڭۈل ئېچىش ئۆيى ۋە قەھۋەخانىلاردا ئولتۇرغاندا، يانفون ئەتراپتىكى ئاۋاز ئارقىلىق ئۆزىگە توك قاچىلايدىكەن.

ئالىملار بۇ يېڭى تېخنىكا قوللىنىلغان ئالاھىدە زەرەتلىگۈچنىڭ دەسلەپكى لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان بولۇپ، ئۇنىڭ چوڭلۇقى بىر دانە يانفون بىلەن تەڭلىشىپ قالىدىكەن، بۇ خىل زەرەتلىگۈچ ئوكسىدلانغان سىنىك ئارقىلىق ئاۋاز پەيدا قىلغان تەۋرىنىش دولقۇنى كۈچىنى توك ئېقىمىغا ئايلاندۇرۇپ بېرىدىكەن. تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، مودا مۇزىكا ۋە روك مۇزىكىلىرىنى قويغاندا، توك قاچىلاش ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدىكەن.

بۇ خىل ئاۋاز دولقۇنى پەيدا قىلغان تەۋرىنىش كۈچى باتارىيەنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ماددىلارنىڭ ھەرىكىتىنى كۈچەيتىپ بېرىدىغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق باتارىيە توكىنى %40 ئاشۇرۇپ بېرىدىكەن. نوكىيا شىركىتى ۋە ئەنگىلىيەدىكى  بۇ ئىنىستىتۇتنىڭ تەتقىقاتچى خادىملىرى ھەمكارلىشىپ، ئاپتوماتىك توك قاچىلاش ئىقتىدارىغا ئىگە يانفون ياساپ چىقىشنى پىلانلاۋاتقان بولۇپ، بۇ خىل يانفون كۈندىلىك تۇرمۇش مۇھىتىمىزدىكى ھەرخىل ئاۋازلار ئارقىلىق ئۆز-ئۆزىگە توك قاچىلاشنى ئىشقا ئاشۇرالايدىكەن.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق