باش بەت>>پەن-تېخنىكا>>كەشپىيات ۋە بايقاشلار
سامسۇڭ شىركىتىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ئۈچ ئۈسكۈنىگە توك قاچىلىيالايدىغان يېڭى سەپلىمىسى
مەنبەسى:نۇر تورى |تەھرىر:زۆھرە مۇختەر | يوللانغان ۋاقىت:2014-08-22 20:00:29

گەرچە نۆۋەتتە ھەر قايسى يانفون ئىشلەپچىقىرىش تىجارەتچىلىرى يانفونلارنىڭ توك سەرپىيات ۋاقتىنى بارغانسېرى ئۇزارتىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن نۇرغۇن كۆچمە ئۈسكۈنىسى بولغان ئابونتلار يەنىلا بۇ ئۈسكۈنىلىرىگە توختىماي توك قاچىلاپ تۇرۇشقا موھتاج بولۇۋاتماقتا. بۇ خىل ئابونتلارنىڭ ئېھتىياجىغا قارىتا، سامسۇڭ شىركىتى يېقىندا يېڭى بىر خىل كۆپ ئىقتىدارلىق توك قاچىلاش سەپلەنمىسىنى ياساپ چىققان بولۇپ، سامسۇڭ شىركىتىنىڭ ئىپادە بىلدۈرۈشىچە، بۇ خىل كۆپ ئىقتىدارلىق توك قاچىلاش سەپلىمىسى پات ئارىدا ئېستىمالچىلار بىلەن يۈز كۆرۈشىدىكەن.

بۇ خىل توك قاچىلاش سەپلىمىسى بىرلا ۋاقىتتا ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون، تاختا كومپىيوتېر، تاقاپ يۈرگىلى بولىدىغان ئەقلي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەر قاتارلىق ئۈچ دانە ئۈسكۈنىگە توك قاچىلىيالايدىغان بولۇپ، بۇ ئۈسكۈنە ئادەتتە microUSB سانلىق مەلۇمات سىمى ئارقىلىق توك قاچىلاش ئېلىپ بارغىلى بولىدىغان بارلىق ئېلىكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەرگە قارىتا توك قاچىلىيالايدىكەن.

ئەلۋەتتە، بۇ خىل ئۈسكۈنە ئارقىلىق توك قاچىلىغاندا، ئۇنىڭغا چېتىلغان ئېلىكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەر قانچىكى كۆپ بولسا، ئۇنىڭ توك قاچىلاپ بولۇشىغا سەرپ قىلىنىدىغان ۋاقىتمۇ ھەم شۇنچە ئۇزۇن بولۇپ، لېكىن نۇرغۇنلىغان ئابونتلارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ ھېچقانچە مەسىلە بولۇپ ھېساپلانمايدۇ، چۈنكى نۇرغۇن ئابونتلار ئاخشىمى ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئېلىكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلىرىگە توك قاچىلايدىغان بولغاچقا، ئابونتلار ئەتىسى ئويغانغۇچە ئۈچ تال ئېلىكتىرونلۇق ئۈسكۈنىسىگە توك قاچىلىنىپ بولغان بولىدۇ.

سامسۇڭ شىركىتى بازارغا سالماقچى بولغان بۇ خىل كۆپ ئىقتىدارلىق توك قاچىلاش سەپلەنمىسىنىڭ سېتىلىش باھاسى 39.99 ئامېرىكا دوللىرى ئىكەن.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق