باش بەت>>پەن-تېخنىكا>>كەشپىيات ۋە بايقاشلار
23 ياشلىق يىگىت يېڭىلىق يارىتىش ئىددىيەسىگە تايىنىپ مۇۋەپپقىيەت قازاندى
مەنبەسى:نۇر تورى |تەھرىر:زۆھرە مۇختەر | يوللانغان ۋاقىت:2014-08-27 16:38:03

 

 

23 ياشقا كىرگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى تېخى ئەمدىلا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، خىزمەت ئىزدەش ۋە ياكى ئۆرلەپ ئوقۇش قاتارلىق ھەرخىل تاللاشلار ئارىسىدا قاتراپ يۈرگەنلەر بولىدۇ، ھالبۇكى، جامس پىراۋد (James Proud ) ئىسىملىك بۇ ياش پەقەت ئۆزى ئوتتۇرىغا قويغان ئىگىلىك تىكلەش ئىددىيەسىگە تايىنىپلا، ئون نەچچە مىليون دوللارغا يېتىدىغان مەبلەغنى قولغا كەلتۈرگەن. ئۇ يېڭىدىن قۇرۇپ چىققان شىركەت ياسىغان ئۈسكۈنە كىشىلەرنىڭ تېخىمۇ ياخشى ۋە سۈپەتلىك ئۇخلىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرەلەيدىكەن.

جامس پىراۋد ھازىر Hello شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى، ئۇلار ياساپ چىققان ئۈسكۈنىنىڭ ئىسمى «ھېسسىي ئۇيقۇ ئىز قوغلىغۇچىسى» بولۇپ، بۇ ئۈسكۈنە بىر قارىماققا يۇمىلاق شارغا ئوخشايدىكەن، ئۇنى كارىۋاتنىڭ بېشىغا قويۇپ قويغاندىن كىيىن، سىز ئۇخلىغان چاغدا، ئۇ ئۆيدىكى ھەرخىل مۇھىت ئامىللىرىنى كۆزىتىپ تۇرالايدىكەن. «ھېسسىي ئۇيقۇ ئىز قوغلىغۇچىسى» نى ياساپ چىقىش ئىددىيەسى ئەڭ دەسلەپ كىشىلەرنىڭ ياخشى بولغان ئۇخلاش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشىگە ياردەم بېرىش شۇنداقلا كىشىلەرنىڭ يېرىم كېچىدە ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولىدىغان ئامىللارنى ئىزدەپ تېپىش مەقسىتدە ئوتتۇرىغا چىققان.

Hello شىركىتى دۇنياغا داڭلىق مەبلەغ جەلىپ قىلىش سۇپىسى بولغان Kickstarter تور بېكىتىدە مەبلەغ كىرگۈزۈش پائالىيىتىنى يولغا قويغان بولۇپ، پائالىيەت ئاخىرلاشقاندا بۇ شىركەت جەلىپ قىلغان مەبلەغ ئىككى مىليون 400 مىڭ دوللارغا يەتكەن، ئۇلارنىڭ دەسلەپكى نىشانى ئاران بىر مىليون دوللار ئىدى. بىراق، بۇ مەبلەغ Hello شىركىتى ھازىرغىچە قولغا كەلتۈرگەن مەبلەغنىڭ پەقەت بىر كىچىك قىسمىدىن ئىبارەت. «ۋال كوچىسى كۈندىلىك گېزىتى» نىڭ دەلىللىشىچە، جامىس پىراۋد ۋە ئۇنىڭ شىركىتى «پەرىشتە مەبلىغى» فوندىدىن تەخمىنەن 10 مىليون 500 مىڭ دوللار مەبلەغقە ئېرىشكەن، بۇلارنى قوشقاندا، Hello شىركىتىنىڭ ئومومىي مەبلىغى 13 مىليون دوللاردىن ئاشقان.

ئىگەللىنىشىچە، Hello شىركىتىگە مەبلەغ سالغۇچىلار ئىچىدە، PayPal توردا چىقىم قىلىش سۇپىسىنىڭ سابىق باش لېدىرى داۋىد ماركۇس، Facebook نىڭ بىرلىشىپ قۇرغۇچىسى دەن روس، گۇگېلنىڭ ئالدىنقى ئاندىرويىد مەھسۇلاتلىرىنى باشقۇرۇش ئەمەلدارى شۇنداقلا شىياۋمى شىركىتىنىڭ ھازىرقى خەلىقئارالىق مۇئاۋىن باش دېرىكتورى خۇگۇ باررا قاتارلىقلار باركەن.

جامىس پىراۋدنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ «ھېسسىي ئۇيقۇ ئىز قوغلىغۇچىسى» نى ياساپ چىقىش ئىلھامىنىڭ شەكىللىنىشىگە مۇنداق بىر ئۇقۇم سەۋەبچى بولغان، يەنى «ھەربىر ئادەم ئۇيقۇغا مۇھتاج، ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇتلەق كۆپ قىسىم ئادەم قانداق قىلغان تېخىمۇ ياخشى ئۇخلىغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىشكە بەك قىزىقىدۇ.»

جامس كىچىك چاغلىرىدىن باشلاپلا بىر نەرسە ئىجاد قىلىشقا ئوتتەك قىزىقىدىكەن. «فوربېس» ژورنىلى ئىلگىرى ئېلان قىلغان بىر پارچە ماقالىدە، 9 ياشقا كىرگەن جامىسنىڭ كىتابخانىدا «ئۆزىڭىزنىڭ تور بېكىتى» ناملىق بىر كىتابنى ئۇچرىتىپ قالغانلىقى، شۇنىڭدىن كىيىن ئۆزلۈكىدىن ئۈگىنىش ئارقىلىق HTML تىلىغا پىششىق بولغانلىقى، 12 ياشقا كىرگەندە، ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تور بېكىتىنى قۇرۇپ چىققانلىقى سۆزلەنگەن.

جامىسنىڭ دىيىشىچە، ئۇ مەكتەپتە ئوقوشنى بەك ياخشى كۆرىدىكەن، ھالبۇكى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن، ئۇنىڭ ئىددىيەسىدە ئۆزگىرىش بولغان. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ 2011-يىلى PayPal نىڭ بىرلىشىپ قۇرغۇچىسى ۋە ئامېرىكا كىرىمىنىي جىلغىسىدىكى رىۋايەت خاراكتىرلىك شەخس Peter Thiel نىڭ fellowship پىلانىغا قوشۇلغان. بۇ پىلاننىڭ مەقسىتى ياش كارخانىچىلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئالىي مەكتەپ باسقۇچىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، بىۋاستە ئىگىلىك تىكلەش باسقۇچىغا كىرىشىگە ياردەم بېرىش ئىكەن.

جامىس قۇرۇپ چىققان GigLocator ناملىق تۇنجى شىركەت دەل fellowship پىلانىنىڭ مەھسۇلاتى. GigLocator بولسا نەق مەيدان مۇزىكا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش سۇپىسى بولۇپ، 2012-يىلى جامىس ئۆزىنىڭ fellowship پىلانىنى تاماملىغاندىن كىيىن قۇرۇپ چىققان، بۇ شىركەت كىيىنكى كۈنلەردە Brooklyn Bowl ناملىق ئۇنىۋېرسال كۆڭۈل ئېچىش سارىيى تەرىپىدىن سېتىۋىلىنغان.

GigLocator نى سېتىۋەتكەندىن كىيىن، جامىس يەنە Hello شىركىتىنى قۇرۇپ چىقىشنى باشلىغان، «ھېسسىي ئۇيقۇ ئىز قوغلىغۇچىسى» دەل Hello شىركىتىنىڭ تۇنجى مەھسۇلاتى ئىكەن، بۇ مەھسۇلات بازارغا سېلىنغاندىن كىيىن، ئۇنىڭ پارچە سېتىلىش باھاسى 129 دوللار بولىدىكەن.

جامىس مۇۋەپپەقىيەت ھەققىدە توختالغاندا، بىر تېخنىكا مەھسۇلاتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئوتتۇرىغا چىقىرىشتىكى مەخپىيەتلىك دەل بۇ مەھسۇلاتنىڭ تەبئىي رەۋىشتە ئىنسانلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا سېڭىپ كىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت دەيدۇ. ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ:

«سىز ئۇنى ئۇنتۇپ قالغان ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە، بۇ خىل مەھسۇلات ئاندىن ھەقىقىي قىممەتكە ئىگە بولغان بولىدۇ.»

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق