باش بەت>>پەن-تېخنىكا>>كەشپىيات ۋە بايقاشلار
5.0 دىيۇملۇق ئېكران سەپلەنگەن ھەقىقىي موتورولا Moto G2 يانفونى ئاشكارىلاندى
مەنبەسى:نۇر تورى |تەھرىر:زۆھرە مۇختەر | يوللانغان ۋاقىت:2014-08-27 17:16:50

يېقىندىن بۇيان موتورولا شىركىتىنىڭ ئەڭ يېڭى بايراقدار يانفونلىرىنىڭ خەۋەرلىرى ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇرغان بولۇپ، بۈگۈن توردا يەنە موتورولا شىركىتىنىڭ ئېلان قىلىنىش ئالدىدا تۇرغان يېڭى يانفونى-Moto G2 نىڭ ھەقىقىي يانفون رەسىملىرى ئاشكارىلىنىپ، بىزنى بۇ يانفوننىڭ ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا ئىقتىدار سەپلەنمە جەھەتتىن چوڭ ئىلغارلاشتۇرۇلۇشلارغا ئېرىشكەنلىكىنى تونۇپ يېتىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى. بۇ قېتىم توردا ئاشكارىلانغان بۇ ھەقىقىي يانفون رەسىملىرى بولسا موتورولا شىركىتىنىڭ شىياڭگاڭ تارماق شىركىتى ئورگان تەرەپسىز Facebook تورىدا ئاشكارىلانغان بولۇپ، بۇ قېتىم ئاشكارىلانغان بۇ يانفوندا بارلىققا كەلگەن ئىلغارلاشتۇرۇلغان تەرەپلەر بولسا يانفون گەۋدىسىنىڭ تېخىمۇ تار بولۇشى، تېخىمۇ يۇقىرى بولغان ئېكران ئىگەللەش نىسبىتى، پۈتۈنلەي يېڭىچە بولغان يانفون ئالدى تەرىپىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئاۋاز ياڭراتقۇسى قاتارلىقلار ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ قېتىم ئاشكارىلانغان Moto G2 يانفونى رەسمىدە يانفونغا قوش SIM كارتا ئېغىزى سەپلەنگەن باشقا يەنە ئۇنىڭغا ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان يانفونلارغا ئوخشىمايدىغان ھالدا micro-SD كارتا كېڭەيتىش ئىقتىدارى سەپلەنگەن.

بۇ قېتىم ئاشكارىلانغان Moto G2 يانفونىغا ياي شەكىللىك يانفون گەۋدە لايىھىسى قوللىنىلغان بولۇپ، بۇ يانفوندا يەنە ئارقا قېپىنى ئالماشتۇرغىلى بولۇشتەك ئالاھىدىلىك ساقلاپ قېلىنغانىدى. يانفون ئابونتلىرى ئۆزىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئاساسەن، موتورولا Moto G2 يانفونىنىڭ ئاق رەڭلىك، قارا رەڭلىك، ھال رەڭلىك شۇنداقلا كۆك رەڭلىك ئارقا قاپ نۇسخىلىرىنى خالىغانچە ئالماشتۇرۇپ ئىشلەتسە بولىدىكەن.

ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، Moto G2 يانفونىغا 5.0 دىيۇملۇق چەكمە ئېكران سەپلىنىلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭغا يەنە ئاساسىي چاستوتىسى 1.2GHz بولغان سىنەپدىراگون كىۋالكۇم 400 تىپلىق تۆت يادرولۇق بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلىنىلىدىكەن، بۇ يانفونغا يەنە 1GB لىق ئىچكى سىغىم بوشلۇقى ۋە 8GB لىق يانفون سىغىم ساقلاش بوشلۇقى سەپلىنىلىدىغان بولۇپ، بۇ يانفونغا Android 4.4.4 KitKat نۇسخىسىدىكى مەشغۇلات سېستىمىسى ئىشلىتىلىدىكەن.

Moto G2 يانفونىنىڭ كامىراسى جەھەتتىنمۇ ئىلغارلاشتۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بۇ يانفونغا 2 مىليون پېكسىللىق ئالدى كامىرا ۋە 8 مىليون پېكسىللىق ئاساسىي كامىرا سەپلىنىلىدىكەن.

موتورولا شىركىتىنىڭ يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنى تەكلىپنامىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ شىركەت 9-ئاينىڭ 4-كۈنى ئامېرىكىنىڭ چىكاگو شەھىرىدە يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزىدىغان بولۇپ، بۇ قېتىملىق يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىدا موتورولا شىركىتىنىڭ Moto G2、Moto X+1 قاتارلىق يانفون ۋە Moto 360 ناملىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق سائىتى ئېلان قىلىنىدىكەن. چەتئەل تور بېكىتى-GSMArena نىڭ يانفون پارچە سېتىش سودىگەرلىرىنىڭ ئۇچۇرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ قىلغان خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، Moto G2 يانفونى 9-ئاينىڭ 10-كۈنلىرى ئەتراپىدا سېتىلىشقا باشلايدىغان بولۇپ، بۇ يانفوننىڭ سېتىلىش باھاسى 250 ياۋرو يەنە تەخمىنەن 2025 يۈەن ئەتراپىدا بولىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق