باش بەت>>پەن-تېخنىكا>>كەشپىيات ۋە بايقاشلار
ھىندىستاندىكى 16 ياشلىق بىر ئوغۇل ئادەمنىڭ نەپىسىنى يېزىققا ئايلاندۇرالايدىغان ئۈسكۈنە ياساپ چىقتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئابدۇخالىق ئەمەت | يوللانغان ۋاقىت:2014-09-24 11:53:18

 

 

جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 18- سېنتەبىردىكى تېلېگراممىسى، نۇر تورى تەرجىمىسى: چەتئەل تاراتقۇسىنىڭ 17- سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ھىندىستاندىكى 16 ياشلىق بىر ئوغۇل بىر خىل ئالاقە ئۈسكۈنىسى ياساپ چىققان، بۇ ئۈسكۈنە ئادەمنىڭ نەپىسىنى يېزىققا ئايلاندۇرالايدىكەن، بۇ كەشپىيات «ئاستا مۇزلاش كېسىلى» بىمارى قاتارلىق تىل ئالاقىسى توسالغۇغا ئۇچرىغان كىشىلەرگە بەخت كەلتۈرىدۇ.

تالك ئىسىملىك بۇ ئۈسكۈنە مورسې كودىنىڭ ئىلھامى بىلەن ياساپ چىقىلغان بولۇپ، ئىشلەتكۈچىلەر ئېلېكترونلۇق شلانكىنى بۇرنىنىڭ ئاستىغا كىرگۈزۈپ، ئېلېكترونلۇق شلانكىنىڭ يەنە بىر ئۇچىنى ئالماشتۇرۇش قۇرۇلمىسىغا ئۇلاپ قويسىلا بولىدۇ. بۇ ئۈسكۈنە ئىشلەتكۈچىلەردىن ئۇزۇن- قىسقىلىقى ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل نەپەس ئاۋازى چىقىرىشنى تەلەپ قىلىدۇ، ئاندىن بۇ ئىككى خىل نەپەس ئاۋازى كود سىگنالىغا ئايلاندۇرۇلۇپ، ئاخىرىدا مىكرو بىر تەرەپ قىلغۇچ ئارقىلىق، سىگنال سۆز- جۈملە شەكلىدە ئانالىز قىلىنىپ، ئاھاڭ شەكلىدە ئوقۇپ چىقىرىلىدۇ.

خەۋەردە ئېيتىلىشچە، بۇ قۇرۇلما باھاسى ئەرزان، ئېلىپ يۈرۈشكە قولاي بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىكەن. نۆۋەتتە، ھىندىستاننىڭ يېڭى دېھلى دوختۇرخانىسىدىكى بىر نەپەر پاركىنسون كېسىلى بىمارى مۇشۇ ئۈسكۈنە ئارقىلىق كلىنىكىلىق تەجرىبىنى قوبۇل قىلماقتا.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق