باش بەت>>پەن-تېخنىكا>>پەن-تېخنىكا ئۇچۇرلىرى
ئاندىرويىد مۇشۇ ئايدا ئاپتوموبىلىڭىزنىڭ ئۆلچەش تەخسىسىگە كىرىشى مۇمكىن
مەنبەسى:نۇر تورى |تەھرىر:زۆھرە مۇختەر | يوللانغان ۋاقىت:2014-06-20 16:45:56

خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا گۇگېلنىڭ ئاپتوموبىلدا ئىشلىتىلىدىغان Auto Linkسىستېمىسى، ئالمىنىڭ CarPlayنىڭ رەقىبى بولۇپ قالغۇسى.

BIخەنزۇچە تور بېكىتى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى خەۋەر قىلىپ، مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا ئېچىلىدىغان Googleنىڭ I/Oتەتقىقاتچىلار يېغىنىدا گۇگېل رەسمىي ھالدا ماشىنىغا ئىشلىتىلىدىغان كۆچمە مەشغۇلات سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىش پىلانىنى ئېلان قىلىدۇ دېدى.


Auto Newsنىڭ ئېلان قىلىشىچە ، بۇ ماشىنىدا ئىشلىتىلدىغان مەشغۇلات سىستېمىسى ئابونتلارنىڭ ئەقلىيفونىدىكى مەزمۇن ۋە ئۇچۇرنى ماشىنىنىڭ ئۆلچەش تەخسىسىدە ئەكىس ئەتتۈرىدىكەن. بۇ ئابونتلارنىڭ ئاپتوموبىلدىكى مەشغۇلات سىستېمىسى ۋە ئېكران ئارقىلىق ئەقلىيفوننى كونتىرول قىلالايدىغاندىن دېرەك بىرىدۇ.

ئىگلىنىشىچە بۇ ئاپتوموبىلدا ئىشلىتىلدىغان مەشغۇلات سىستېمىسى بولسا ئوچۇق ئاپتوموبىل ئىتتىپاقى ئوتتۇرىغا چىقارغان بىر چوڭ تۈر. ئوچۇق ئاپتوموبىل ئىتتىپاقى نۇرغۇنلىغان ئاپتوموبىل ياساش سودىگەرلىرى ۋە پەن-تېخنىكا شىركەتلىرىدىن تەركىب تاپقان، بۇلار گۇگېل، Nvidia،ھەممىباب، خوندا ۋە شىيەندەي قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ئىتتىپاقنىڭ مەركىزى ۋەزىپىسى بولسا « 2014-يىلى ئاندىرويىدنى ئاپتوموبىلغا باشلاپ كىرىش».

«نۇرغۇن كىشىلەر ئاللىبۇرۇن ئاندىرويىد سىستېمىسى بىلەن تونۇشۇپ بولدى، ھەم ھەر كۈنى بۇنى ئىشلىتىدۇ»، گۇگېلنىڭ مۇئاۋىن لىدىرى سۇندار پىچاي بۇ يىل 1-ئايدا ئاندىرويىدنى ئاپتوموبىلغا باشلاپ كىرىش، بۇ بىز ھەر قايسى كەسىپتىكلەرنىڭ ھەمكارلىشىپ ئاپتوموبىل ئىچىگە كۆچمە تېخنىكىنى يۆتكەشنى تېخىمۇ ئاسانلاشتۇرىدۇ،ھەم شوپۇرلار ئۈچۈن بىر خىل پىششىق، نۇقسانسىز مەشغۇلات بىلەن تەمىنلەيدۇ دېدى.

تونۇشتۇرشىچە بۇ ئاپتوموبىلدا ئىشلىتىلىدىغان كۆچمە مەشغۇلات سىستېمىسى بەلكىم ئالمىنىڭ رەقىبى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، ئالمىنىڭ  CarPlayسىستېمىسى ئورنىتىلغاندىن كېيىن، ئالما ئابونتلىرى ئاپتوموبىل ئۆلچەش تەخسىسىگە ئىلخەت يوللاش، يېزىق، ھەمدە ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسى قاتارلىق ئىقتىدارلارنى يوللىيالايدىغان بولغان ئىدى.

گۇگېل Auto Linkسىستېمىسىنىڭ ئەمەلىي مەھسۇلاتىنىڭ قاچان چىقىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىمىدى، بۇ شىركەت ھازىر تىرشىپ ئاپتوماتىك ئاپتوموبىل تەتقىق قىلىۋاتىدۇ.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق