باش بەت>>پەن-تېخنىكا>>پەن-تېخنىكا ئۇچۇرلىرى
ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى 2019-يىلى كىچىك پىلانتنى ئاي شارى ئوربىتىسىغا ئەكىرمەكچى
مەنبەسى:نۇر تورى |تەھرىر:زۆھرە مۇختەر | يوللانغان ۋاقىت:2014-06-23 09:57:07

ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى نۆۋەتتە كىچىك پىلانتلارنىڭ يۆنىلىشىنى قايتا بەلگىلەش تۈرىنى تەتقىق قىلماقتا ئىكەن، بۇ تەتقىقات پىلانىغا ئاساسەن، ئالەم بوشلۇقىدىن بىر كىچىك پىلانتنى تارتىپ ئەكىلىپ، ئۇ پىلانتنى ئاي شارى ئوربىتىسىغا ئەكىرىپ تەتقىق قىلىش ئىكەن. تۈنۈگۈن بۇ ئورگان بۇ پىلاننىڭ بىرىنچى باسقۇچىنى ئېلان قىلغان، بىرىنچى باسقۇچتا 2019-يىلى مۇشۇ پىلاننى ئىجرا قىلىدىغان ئالەم ئايرۇپىلانىنى قويۇپ بېرىدىكەن.

كىچىك پىلانتلارنىڭ تاشقى قىياپىتى ۋە تەركىبى قىسمى ۋاقىتنىڭ تەسىرىگە كۆپ ئۇچرىمايدىغان بولغاچقا، ئالىملارنىڭ ئالەمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى ھالىتىنى تەتقىقى قىلىشىغا ياردىمى بولىدىكەن. ئەگەر ھەممە ئىش پىلاندىكىدەك بولسا ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى 2018- يىلى بىر كىچىك پىلانتنى تاللاپ، 2019-يىلى ئالەم كېمىسىنى قويۇپ بېرىدىكەن، ئاندىن ئالەم كېمىسى ئارقىلىق كىچىك پىلانتنى سۆرەپ ئاي شارى ئوربېتىسىغا ئەكىرىدىكەن ياكى بولمىسا كىچىك پىلانىتنى پارچىلاپ ئۇنىڭ بىر قىسمىنى سۆرەپ ئاي شارى ئوربىتىسىغا ئەكىرىدىكەن. 2020-يىلى ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنى ئاي شارى ئوربىتىسىدىكى كىچىك پىلانتقا قوندۇرۇپ، 32 مېتىر چوڭقۇرلۇقتا بۇرغىلاپ تىشىپ ئالەمنىڭ بۇرۇنقى دەۋرىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تەتقىق قىلىدىكەن.

گەرچە بۇ ئالەم كېمىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى لاھىيىسى تېخى بېكىتىلمىگەن بولسىمۇ، بىراق ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى ئالەمگە ئۇچۇپ تەكشۈرۈشنى قارار قىلغان ھەم بىر قىسىم دەسلەپكى لاھىيە ئىسخىمىلىرىنى ئېلان قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى يەنە ئورىئون يۇلتۇز تۈركۈمى ئالەم ئايرۇپىلانىنى تەتقىق قىلىشقا كىرىشكەن ھەم بۇ ئالەم كېمىسىنى ئاي شارى ئوربىتىسىغا ئېلىپ كېلىنگەن كىچىك پىلانتنى تەكشۈرۈشكە ئىشلىتىشنى پىلانلىغان. ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ يەنە بىر پىلانى بولسا،2016-يىلى بىر ماشىنا ئادەمنى ئالەم بوشلۇغىغا چىقىرىپ ،بىر كىچىك پىلانتقا قوندۇرۇپ،كىچىك پىلانتتىن ئەۋرىشكە ئېلىپ يەر شارىغا قايتۇرۇپ كېلىش ئىكەن.

 

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق