باش بەت>>پەن-تېخنىكا>>پەن-تېخنىكا ئۇچۇرلىرى
بوشلۇقتىكى لېفىت
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈلرىز سۈرئەت | يوللانغان ۋاقىت:2014-06-25 12:48:37

«لېفىتقا ئولتۇرۇپ بىۋاسىتىلا بوشلۇققا كۆتۈرۈلۈش» ئەمدى كىشىلەرنىڭ چۈشى بولۇپ قالماسلىقى مۇمكىن. ياپونىيە ماخاۋاناھ شىركىتى يېقىندا «بوشلۇق لېفىتى» قۇرۇش پىلانىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، 2050 - يىلىغا بارغاندا، كىشىلەرنىڭ ئالەم كېمىسى ئىشلەتمەستىن، بىر لېفىت بىلەنلا بوشلۇققا يېتىپ بارالايدىغان بولۇشىنى ئۈمىد قىلغان. ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ماخاۋاناھ شىركىتى قۇرماقچى بولغان بوشلۇق لېفىتى ھەرگىزمۇ ئادەتتىكى پولات-تۆمۈردىن ياسالغان ئەمەس بەلكى پولات-تۆمۈردىن 20 ھەسسە چىدامچان كاربون تالاسىنى خام ماتېرىيال قىلىدىكەن. بوشلۇق لېفىتىغا ئادەتتە 30 ئادەم ئولتۇرالايدىغان بولۇپ، بىر ھەپتە ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئاندىن 36 مىڭ كىلومېتىر ئېگىزلىكتىكى بوشلۇق بېكىتىگە يېتىشى مۆلچەرلەنگەن. بوشلۇق لېفىتى ئۇقۇمى بۇرۇنلا فانتازىيىلىك ھىكايىلەردە تىلغا ئېلىنغان. 1990- يىلى ئىنسانلار كاربون تالاسىنى بايقىغاندىن كېيىن، ماخاۋاناھ شىركىتى بوشلۇق لېفىتى ئەمدى ھەرگىزمۇ ئەمەلگە ئاشمايدىغان چۈش ئەمەس دەپ ھۆكۈم قىلغان، ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىمۇ بۇ تۈردىكى تەتقىقاتنى باشلىۋەتكەن. ماخاۋاناھ شىركىتى لايىھەلىگەن بوشلۇق لېفىتىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى يەر شارىدىن ئاي شارىغىچە بولغان ئارىلىقنىڭ 4 /1 ىگە توغرا كېلىدىغان بولۇپ، تەخمىنەن 96 مىڭ كلومېتىر كېلىدۇ. لېفىت سىمى يەر يۈزىدىكى بىر نۇقتىغا مۇقىملاشتۇرۇلىدۇ، ئاندىن يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىدىغان مەركەزدىن قاچما كۈچىدىن پايلىنىلىپ ھەرىكەتلىنىدۇ. لېفىت كابىلىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر بوشلۇق بېكىتى بار بولۇپ، بېكەتكە تەجرىبە ئەسلىھەلىرى ۋە تۇرالغۇ سەپلىنىدىكەن.

لېفىت سائىتىگە 200 كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن چىقىپ چۈشەلەيدىغان بولۇپ، يەككە مۇساپىسى ئۈچۈن 7 يېرىم كۈن كېتىدىكەن. بوشلۇق بېكىتى ئەتراپىدىكى ئەسلىھەلەر قۇياش ئېنېرگىيسىدىن پايدىلىنىپ توك تارقىتىدىكەن. توك تارقىتىش ئەسلىھەلىرى ئوخشاش بىر ۋاقىتتا يەنە يەر يۈزىگە ئېلېكتېر كۈچى يەتكۈزۈپ بېرەلەيدىكەن. ماخاۋاناھ شىركىتى دۇچ كېلىۋاتقان رىقابەت بولسا تۆۋەن تەننەرخ ئارقىلىق كاربون تالاسىنى ئىشلەپچىقارغىلى بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقى، شۇنداقلا پۈتۈن يەر شارىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇناسىۋەتلىك تەشكىلاتلار ھەمكارلىشىپ، يەر شارىدىكى تۇنجى «بوشلۇق لېفىتى» نى ياساپ چىقىشقا قوشۇلىدىغان-قوشۇلمايدىغانلىقىدىن ئىبارەت. ماخاۋاناھ شىركىتىنىڭ باياناتچىسى:«ھازىر بىز بۇ تۈردىكى پىلاننى مۆلچەرلەشكە ئامالسىزمىز، ئەمما بىز بىر قەدەم بىر قەدەمدىن ئىلگىرلەپ، بوشلۇق لېفىتى پىلانىنىڭ پەقەتلا بىر چۈش بولۇپ قالمايدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىمىز» دىگەن. مۇتەخەسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، كاربون تالاسى پەقەتلا مىللىمېتىرلىق مەھسۇلات بولۇپ، ئۇنى ھەقىقىي ئىشلىتىشكە ئۈچۈن ئۇزاق جەريان كېتىدىكەن؛ 30 مىڭ كىلومېتىر سىرتتىكى بوشلۇققا ھەر خىل لېفىت قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنى يوللاش ئۈچۈن كېتىدىغان سەرپىيات ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، ئەگەر بۇ خىل «بوشلۇق لېفىتى» ئېغىر ھادىسىدە ئۆرۈلۈپ كېتىپ قالسا، بوشلۇق ۋە يەر يۈزىدىكى بۇزغۇنچىلىقى كىشىنى چۆچۈتىدۇ. مۇتەخەسىسلەر بۇ قىيىن مەسىلىگە نىسبەتەن، «بوشلۇق لېفىتى» قۇرۇلۇشى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە باشلىنىشى قىيىن بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىغان.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق