باش بەت>>پەن-تېخنىكا>>پەن-تېخنىكا ئۇچۇرلىرى
يانفونىڭىزنىڭ توكى نەگە كەتتى؟
مەنبەسى:نۇر تورى |تەھرىر:زۆھرە مۇختەر | يوللانغان ۋاقىت:2014-06-27 09:35:16

ئىقتىدارى بارغانسىرى مۇكەممەللىشىۋاتقان ئەقلىيفوننىڭ توك سەرپىياتىنىڭ يۇقىرى بولۇشى نۆۋەتتىكى كۆز يۇمۇشقا بولمايدىغان ھەقىقەت. ئەمما نۇرغۇن كىشىلەر تۆۋەندىكىدەك ئەھۋالغا دۇچ كېلىپ باققان، يەنى كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن تولۇق توك قاچىلانغان يانفون ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا قارىسا يېرىمى خوراپ كەتكەن. ئۇنداقتا باتارىيەنىڭ سۈپىتى كاپالەتكە ئىگە بولغان ئەھۋالدا، يانفوندا تېلېفون ئۇرمىسا، ئۇچۇر يوللىمىسا، ھەتتا ھېچقانداق مەشغۇلات ئېلىپ بارمىسىمۇ، باتارىيەنىڭ توكى زادى نەگە كەتكەن؟ بۇ مەسلىگە قارىتا كۆپچىلىككە يانفوننىڭ توكىنى خورىتىدىغان يەتتە خىل قىلمىشنى تونۇشتۇرماقچىمىز.

    1. يانفوننى بەدەنگە تەگكۈزۈپ قويۇش.                                                                                                                                                                                                                                      

 

بۇيەردە دېيىلگەن بەدەنگە تەگكۈزۈش يېنىدا ئېلىپ يۈرۈشنى كۆرسەتمەيدۇ، دىمەكچى ئىشتاننىڭ يانچۇقىغا قويۇش دېگەندەك دائىم بەدەن تېمپىراتۇرىسى بىلەن تېگىشىش ياكى سۈركىلىش ھاسىل بولۇشنى كۆرسىتىدۇ. باتارىيەنىڭ توكى نەم قىززىق مۇھىتتا تېز خورايدىغان بولۇپ، CPU نىڭ ئىشلىتىلىشىگە تەسىر يېتىدۇ، شۇنداقلا ئوڭايلا باتارىيەنىڭ بۇزۇلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ناچار سۈپەتلىك مەھسۇلات بولسا قىسقا يول بولۇپ قېلىپ، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋىپى ئېلىپ كېلىشىمۇ مۇمكىن.

2.ئۇچۇر ئەسكەرتىش چىرىقىغا ئېتىبارسىز قاراش.

نۇرغۇنلىغان ئابونت ئۇچۇر ئەسكەرتىش چىرىقىنى ئېچىپ قويۇشقا ئادەتلەنگەن، ئەمما دائىم ئۇچۇر كەلگەندە جەزىملەشتۈرىۋېتىشنى ئۇنتۇپ قالىدۇ ياكى چىراق يورىسىمۇ كارى بولمايدۇ، نەتىجىدە بۇ چىراق باتارىيەنىڭ توكىنى خورىتىدۇ. شۇڭلاشقا بۇ ئىقتىدارنى ئېتىۋېتىشنى تەۋسىيە قىلىمىز.

3.تۆۋەن تىمپىراتۇرىلىق مۇھىتتا ئۇزاققىچە مەشغۇلات قىلىش.
 

لىتىيلىق باتارىيەنىڭ توك بېسىمى تۆۋەن تېمپىراتۇرىدا بىر قەدەر تۆۋەن بولۇپ، زاپچاسلارنىڭ ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرالماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، مەسىلەن، 20 سىلتسىيە گرادۇسلۇق مۇھىتتا، سۈپەتلىك ئەقلىيفوننىڭ سۆزلىشىش ۋاقتى تەخمىنەن 200 مىنۇت ئەتراپىدا بولىدۇ، ئەمما 10 سىلىتسىيە گرادۇسلۇق مۇھىتتا پەقەت 100 مىنۇت ئەتراپىدىلا سۆزلىشىشكە يېتىدۇ.

4.سىگنال ناچار مۇھىتتا كۆپ ئىشلىتىش.

سىگنال ناچار ۋە مۇقىم بولمىغان جايلاردا، يانفون ئاپتوماتىك ھالدا مىكرو دولقۇن تارقىتىش قۇۋۋىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، بۇ ۋاقىتتىكى توك سەرپىيات ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى بولىدۇ، شۇڭىلاشقا سىگنال ناچار جايلاردا يانفوننى ئېتىۋىتىش ياكى سۆزلىشىش ئىقتىدارىنى توختىتىشنى تەۋسىيە قىلىمىز.

5.بىرلا ۋاقىتتا بىر قانچە قوللىنىشچان دېتالنى قوزغىتىش.

ھازىرقى ئەقلىيفونلارنىڭ ھەممىسى بىرلا ۋاقىتتا ئارقا سۇپىدا بىر قانچە دېتالنى يۈرگۈزۈشنى قوللايدۇ، بۇنداق بولغاندا يانفوننىڭ ئىچكى ساقلىغۇچ سىغىمىنى ئىگىلەپلا قالماي يۈرۈش سۈرئىتىگىمۇ تەسىر يېتىدۇ، شۇنداقلا توك سەرپىياتىمۇ يۇقىرى بولىدۇ، بىر قىسىم يۇمشاق دېتاللار ئاپتوماتىك ئارقا سۇپىدا قوزغىلىدۇ، شۇڭىلاشقا مۇناسىۋەتلىك قورال دېتاللار ئارقىلىق ھەر ۋاقىت نازارەت قىلىپ تۇرۇشنى تەۋسىيە قىلىمىز.

6.ئېكراننىڭ يورۇقلۇق دەرىجىسىنى ئەڭ يۇقىرى قىلىپ تەڭشەش.

باتارىيە توك سەرپىياتىنىڭ %60 دىن كۆپرەكى ئېكرانغا سەرىپ قىلىنىدۇ، شۇڭلاشقا ئىشلىتىشكە تەسىر يەتكۈزۈلمىگەن ئاساستا ئېكراننىڭ يورۇتۇلۇش دەرىجىسىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ قويساق، ھەم توك سەرپىيات تۆۋەن بولىدۇ، ھەم كۆزىمىزنىڭ ساغلاملىقىغا پايدىلىق.

7. بىر كۈن 24 سائەت تور ئۇلىنىشىنى ئوچۇق قويۇش.

نۇرغۇن كىشىلەر مەيلى كەچ مەيلى كۈندۈز بولسۇن، 24 سائەت WIFI، كۆك چىش قاتارلىق تور يەتكۈزۈش ئۈسكۈنىلىرىنى ئوچۇق قويۇشقا ئامراق، بۇنداق بولغاندا باتارىيەنىڭ توك سەرىپ بولۇشى تېز بولىدۇ، شۇڭلاشقا ھېچ بولمىغاندا ئۇخلىغاندىمۇ بولسا تورلارنى ئېتىۋېتىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمىز.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق