باش بەت>>پەن-تېخنىكا>>پەن-تېخنىكا ئۇچۇرلىرى
رادىئاتسىيە قىممىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان 20 خىل يانفون
مەنبەسى:نۇر تورى |تەھرىر:زۆھرە مۇختەر | يوللانغان ۋاقىت:2014-06-27 10:35:41

ئەگەر بىر خىل يانفون ئامېرىكا بازارلىرىغا كىرمەكچى بولسا، ئالدى بىلەن چوقۇم ئامېرىكا فېدراتسىيە ئۇچۇر-ئالاقە كومېتىتىنىڭ FCC ئېتىراپ قىلىشىدىن ئۆتۈشى لازىم. بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر ئۆلچەم تۈرى بولسا يانفوننىڭ SAR قىممىتى چوقۇم 1.6 ۋات ھەر كىلوگرامدىن تۆۋەن بولۇشتىن ئىبارەت. SAR قىممىتى بولسا، 6 مىنۇت ۋاقىت ئىچىدە ھەر بىر كىلوگرام ئادەم بەدىنىدىكى ئەزالار سۈمۈرگەن رادىئاتسىيە مىقدارى بولۇپ، نۆۋەتتە، ياۋروپادىكى يانفونلارنىڭ SAR قىممىتى ئۆلچىمى ئىككى ۋات ھەر كىلوگرام، ئامېرىكا بازارلىرىدىكى يانفونلارنىڭ SAR قىممىتى ئۆلچىمى بولسا 1.6 ۋات ھەر كىلوگرام بولماقتا.

پەن-تېخنىكا تور بېكىتى-CNet يېقىندا تور بەت سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسەن SAR قىممىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان (يەنە رادىئاتسىيىسى كۈچلۈك بولغان) 20 خىل يانفوننى باھالاپ چىققان بولۇپ، بۇ يانفونلار ئاساسلىقى موتورولا، قارا بۆلجۈرگەن، نوكىيا ۋە خۇاۋېي، جۇڭشىڭ قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ يانفونلىرى ئىكەن، لېكىن بۇ قېتىم باھالاپ چىقىلغان 20 خىل يانفوننىڭ كۆپىنچىسى جۇڭگودا سېتىلمايدىغان بولۇپ، ئېستىمالچىلارغا بىر قەدەر تونۇشراق بولغان يانفونلاردىن بەلكىم قارا بۆلجۈرگەن Z30 يانفونى، نوكىيا Lumia 925 يانفونى، نوكىيا Lumia 928 يانفونى قاتارلىق بىر قانچىلا يانفون بولۇشى مۇمكىن.

تۆۋەندە بىز بىرلىكتە بۇ قېتىم باھالاپ چىقىلغان رادىئاتسىيىسى كۈچلۈك 20 خىل يانفوننى كۆرۈپ باقايلى.

1.موتورولا Droid Maxx يانفونى
SAR قىممىتى: 1.54



2. موتورولا Droid Ultra يانفونى
SAR قىممىتى: 1.54


 

3.موتورولا Moto E يانفونى
SAR قىممىتى: 1.5

 

 

4.ئارقات One Touch Evolve يانفونى
SAR قىممىتى: 1.49




5.خۇاۋېي Vitria يانفونى
SAR قىممىتى: 1.49



6.جىڭزى Hydro Edge يانفونى
SAR قىممىتى: 1.48



7.جىڭزى Kona  SAR يانفونى
SAR قىممىتى: 1.45


8.جىڭزى Hydro XTRM يانفونى
SAR قىممىتى: 1.44



9.نوكىيا Asha 503 يانفونى
SAR قىممىتى: 1.43



10.قارا بۆلجۈرگەن Z30 يانفونى
SAR قىممىتى: 1.41


ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق