باش بەت>>پەن-تېخنىكا>>پەن-تېخنىكا ئۇچۇرلىرى
جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقى بويىچە يانفونلارنىڭ ۋېروستىن يۇقۇملىنىش نىسبىتى يەرشارى بويىچە ئەڭ يۇقىرى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئابدۇخالىق ئەمەت | يوللانغان ۋاقىت:2014-06-29 15:12:33

 

كۆچمە ئالاقە بىخەتەرلىكى كارخانىسى ۋاڭتەي ئېلان قىلغان «2013-يىللىق يەرشارى يانفون بىخەتەرلىكى دوكلاتى» دا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقى بويىچە يانفونلارنىڭ ۋېروستىن يۇقۇملىنىش نىسبىتى يەرشارى بويىچە ئەڭ يۇقىرى بولغان، بۇنىڭدىن دۆلىتىمىز ئىچىدىكى يانفون بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنىڭ ئىنتايىن ئېغىر ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
نازارەت قىلىش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2013-يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا بايقالغان يانفون ۋېروسلىرىنىڭ سانى 51084 گە يەتكەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %189 ئاشقان، جەمئىي يۇقۇملانغان يانفوننىڭ سانى 21 مىليون 20 مىڭ دانە بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلگە سېلىشتۇرغاندا، %63.8 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، بۇ يىل 6-ئايدا يانفون ۋېروسلىرىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئەڭ تېز بولغان بولۇپ، بىر ئايدا 9619 دانە يانفون ۋېروسنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان.
ھەرقايسى رايۇنلاردىكى تارقىلىش ئەھۋالى جەھەتتىن ئېيتقاندا، جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقى %31.71 لىك نىسبەت بىلەن يانفون ۋېروسىدىن يۇقۇملىنىش جەھەتتە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان؛ قالغان دۆلەتلەر ئىچىدە، روسىيەنىڭ %17.15، ھىندىستاننىڭ %10.38 ، ئامېرىكىنىڭ %6.53 بولۇپ، ھەممىسى جۇڭگونىڭ كەينىدە تۇرغان. ئىلىمىزنىڭ ئىچكى رايۇنلىرىنى ئۆز-ئارا سېلىشتۇرغاندا، گۇاڭدوڭ، جىياڭسۇ، بېيجىڭ، سىچۈەن ۋە فۇجىيەن قاتارلىقلار ئالدىنقى بەشنىڭ ئىچىدە تۇرغان.
ۋاڭتەي شىركىتىنىڭ بىخەتەرلىككە مەسئۇل خادىمى ئىپادە بىلدۈرۈپ، دۆلىتىمىزدىكى يانفونلارنىڭ ۋېروستىن يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنىڭ بۇنچە ئېغىر بولۇشىغا ئاساسلىقى ئابونتلارنىڭ يانفون سىستېمىسىنى يېڭىلاش (刷机)نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشى سەۋەبچى بولغان ئىكەن. چەتئەللەردە بولسا يانفون سىستېمىسىنى يېڭىلاش قاتتىق كونتىرول قىلىنىدىكەن. ئۇنىڭ دىيىشىچە، بۇلتۇر دۆلىتىمىز مىقياسىدا تۈرمىدىن قاچۇرۇلغان iOS سىستېمىسىنىڭ نىسبىتى %42، 4000 يۈەندىن تۆۋەن ئاندىرويىد يانفونلىرىنىڭ سىستېما يېڭىلاش نىسبىتى %80 بولغان

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق