باش بەت>>پەن-تېخنىكا>>پەن-تېخنىكا ئۇچۇرلىرى
ئالمىنىڭ 9-ئاينىڭ 9-كۈنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق سائەت ئېلان قىلىدىغانلىق خەۋىرى تارقالدى
مەنبەسى:نۇر تورى |تەھرىر:زۆھرە مۇختەر | يوللانغان ۋاقىت:2014-08-28 18:29:56

چەتئەلدىكى نۇرغۇنلىغان تاراتقۇلار ئالما شىركىتىنىڭ 9-ئاينىڭ 9-كۈنىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئېلان قىلىدىغان تۇنجى يۈرۈش تاقىما ئۈسكۈنە iWatch نىڭ خەۋىرىنى ئاشكارلىدى، ئالما شىركىتى بۇ خەۋەرگە قارىتا ئىپادە بىلدۈرمىدى، ئەمما بۇ خەۋەرنىڭ تەسىرىدە، ئالما شىركىتىنىڭ پايچېكى 1.5% ئۆسۈپ، 102 ئامېرىكا دوللىرىلىق ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ، تارىختىكى يۇقىرى نۇقتا رىكورتىنى ياراتتى.

TheVerge نىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئالما شىركىتى 9-ئايدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، پۈتۈنلەي يېڭى بولغان ئىككى يۈرۈش iPhone ۋە تاقىما ئۈسكۈنە iWatch نى بىرگە ئېلىپ كېلىدىكەن، ئالما شىركىتىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق سائىتى HomeKit ۋە HealthKit قاتارلىقلار پۈتۈنلەي يېڭى بولغان iOS 8 سېستىسىمى ئارقىلىق ساغلاملىق ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۆي جاھازىلىرى ساھەسىگە كىرىدىكەن.

بۇ خەۋەر مۇمكىن بولۇپ، راستىنلا iWatch بازارغا سېلىنسا، بۇ يانفوندىن ئايرىلالمايدىغان، ئەمما مۇستەقىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق تاقىما ئۈسكۈنە بولىدىكەن، شۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ تېخىمۇ كۆپ تەركىبى قىسىمى يەنىلا دىتال مەھسۇلاتلىرىغا تەۋە. بۇ يىل WWDC يىغىنىدا، ئالما شىركىتى پۈتۈنلەي يېڭى بولغان iOS 8 سېستىسىمىدا بىر ئوبىيىكىت تور ۋە خۇسۇسىي ساغلاملىق لاھىيەسىنى تەسۋىرلەپ بەردى، ئالما شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتى ئارقىلىق كىشلەر ئۆيىدىكى لامپا، ئىشىك قاتارلىقلارنى كونترول قىلىش ئەمەلگە ئاشتى.

iWatch توغرىسىدىكى خەۋەرگە ئۇزۇن بولدى، بۇ يىل 7-ئايدا ئالما بىر تۈرلۈك ئەقلىي ئىقتىدارلىق سائەت پاتنېتىغا ئېرىشتى، بۇ بەلكىم iWatch نىڭ ئېلان قىلىنىشىغا ياخشى يول ھازىرلىشى مۇمكىن.

بىراق ئىلگىرىكى سامسۇڭ، سونىي قاتارلىق شىركەتلەر چىقارغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق سائەتلەردىن پايدىلانغاندا، يانفوندىن ئايرىلالمايدىغان مۇستەقىل ئىشلىتىدىغان باتارىيەنىڭ ئىشلىتىش ۋاقتى قىسقا ۋە ئىقتىدارىنى يەككىلەشتۈرۈش نۆۋەتتىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق سائەتلەر دۇچ كېلىۋاتقان مۇھىم بولغان بىر قانچە قىيىن مەسىلە، iWatch بۇ مەسىلىلەرنى ياخشىلىيالامدۇ يوق، بەلكىم ئالما شىركىتى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى ئېلان قىلىغاندا ئاندىن بىلىشكە توغرا كېلىشى مۇمكىن.

بىراق ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، تېخىمۇ كۆپلىگەن تاراتقۇلار ئالما ھازىرقى تېخنىكىغا تايانغاندا يەنىلا ئەقلىي ئىقتىدارلىق تاقىما ئۈسكۈنىلەرنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ دەپ قارىغان. ئەمما نۇرغۇنلىغان كىشلەر ئابونىتلارنىڭ بۇ مەھسۇلاتنى سېتىۋالماسلىقىدىن ئەنسىرىمىگەن، چۈنكى ئالما مەھسۇلاتلىرىنىڭ ناھايىتى زور مىقداردا ھەۋەسكارى بار بولۇپ، ئۇلار iWatch مەھسۇلاتىنىڭ ئاساسلىق ئىستىمال قوشۇنى بولىدۇ.

 

كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق