باش بەت>>پەن-تېخنىكا>>پەن-تېخنىكا ئۇچۇرلىرى
LG شىركىتى مۇستەقىل ياساپ چىققان بىر تەرەپ قىلغۇچ ئىشلىتىلگەن يانفون 10-ئايلاردا بازارغا سېلىنىدىكەن
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئابدۇخالىق ئەمەت | يوللانغان ۋاقىت:2014-09-24 11:55:54

 

بىر تەرەپ قىلغۇچ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلارنىڭ «يۈرىكى». نۆۋەتتە ئالما ۋە سامسۇڭ قاتارلىق يانفون كارخانىلىرى ئۆز ئالدىغا بىر تەرەپ قىلغۇچ لايىھەلەش ئىقتىدارىگە ئىگە. ئەڭ يېڭى ئۇچۇرغا قارىغاندا، كورىيەدىكى يەنە بىر داڭلىق ئېلېكتىرون شىركىتى بولغان LG مۇ نۆۋەتتە بۇ «كۇلۇب» قا قوشۇلۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، LG شىركىتى ئۆزى مۇستەقىل ياساپ چىققان بىر تەرەپ قىلغۇچ ئىشلىتىلگەن تۇنجى يانفون 10-ئايلاردا بازارغا سېلىنىدىكەن.
ئىگەللىنىشىچە، LG شىركىتى بۇ بىر تەرەپ قىلغۇچنى 5.9 دىيۇملۇق چوڭ ئېكرانلىق يانفونىغا ئىشلىتىشنى پىلانلىغان بولۇپ، بۇ يانفون بالدۇر بولغاندا 10-ئايلاردا بازارغا كىرىدىكەن، كېچىككەندىمۇ يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن چوقۇم بازارغا سېلىنىپ بولىدىكەن.

ھالبۇكى بۇ يانفونغا سەپلىنىدىغان LG بىر تەرەپ قىلغۇنىڭ ئاساس چاستوتىسى، يادرو سانى، قۇۋۋىتى قاتارلىق پارامېتىرلار ھازىرچە ئېنىق ئەمەس ئىكەن.

 كورىيە تاراتقۇلىرىنىڭ دېيىشىچە، LG شىركىتى ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ چىققان بۇ بىر تەرەپ قىلغۇچنى ئۆزىنىڭ G ياكى GPro تۈرىدىكى يانفونلارغا ئىشلىتىدىكەن. بەزىلەرنىڭ دېيىشىچە، LG شىركىتى بەلكىم پۈتۈنلەي يېڭى ئىشلەپچىرىش لىنىيەسىنى ئىشقا كىرىشتۈرىدىغان بولۇپ، بۇ يانفونلارغا ئۆزىنىڭ بىر تەرەپ قىلغۇچىسىنى ئىشلىتىدىكەن.

بۇندىن ئىلگىرىكى خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، LG شىركىتى ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ چىققان بىر تەرەپ قىلغۇچقا «Odin» دەپ ئىسىم قويۇلىدىغان بولۇپ، ARM ئۆزەكچە قۇرۇلمىسى ئىشلىتىلىدىكەن.

ئۇندىن باشقا، بىر تەرەپ قىلغۇچىسىنىڭ يادرو سانى ئىككى ياكى تۆت دانە بولىدىكەن، 28 نانومېتىرلىق ئىشلەپچىقىرىش ھۈنەر-سەنئىتى قوللىنىلىدىكەن. يەنە بەزى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، LG شىركىتى ئاللىقاچان دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى بولغان تەيجى ئېلېكتىرونىغا بۇ يېڭى ئۆزەكچىنى ۋەكالىتەن ئىشلەپچىقىرىش كېلىشىم ھاسىل قىلغان.

ئانالىزچىلارنىڭ دېيىشىچە، ئۆزى تەتقىق قىلىپ چىققان بىر تەرەپ قىلغۇچنى بازارغا سېلىش ئىشىغا كەلگەندە، LG شىركىتى بىر قەدەر ئېھتىياتچان مۇئامىلىدە بولۇپ، بۇنى تۆۋەن ياكى ئوتتۇراھال سەپلىمىلىك يانفونلاردا ئالدىن بىلەن سىناق قىلىشى مۇمكىن ئىكەن، ئىقتىدارى مۇقىملاشقاندىن كېيىن، ئاندىن يۇقىرى سەپلىمىلىك بايراقدار يانفونلىرىغا سەپلەيدىكەن.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق