باش بەت>>پەن-تېخنىكا>>پەن-تېخنىكا ئۇچۇرلىرى
iPhone 6 ۋە iPhone 6 Plus يانفونلىرى تەيۋەندە رەسمىي سېتىلىشقا باشلىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئاراپات ھۈسەنجان | يوللانغان ۋاقىت:2014-09-27 12:16:25

 

9-ئاينىڭ 25-كۈنى يېرىم كېچە، تەيبېيدىكى بىر تېلگىراف شىركىتى iPhone 6 نى تۇنجى سېتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزمەكتە، كىشىلەر ئۆچرەتتە تۇرۇپ، دەل سائەت 0 دە باشلىنىدىغان سېتىلىش مۇراسىمىنىڭ ئېچىلىشىنى كۈتمەكتە.

9-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئالما شىركىتىنىڭ iPhone 6 ۋە iPhone 6 Plus يانفونلىرى رەسمىي ھالدا تەيۋەن بازىرىغا كىرگۈزۈلگەن.

شىياڭگاڭدىن كىين، تەيۋەن iPhone 6 ۋە iPhone 6 Plus يانفونلىرى ئىككىنچى تۈركۈمدە سېتىلىدىغان رايونلار قاتارىدا كىرگەن، يېڭى ئايفوننىڭ جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدا سېتىلىش ۋاقتى ھازىرغىچە نامەلۇم بولسىمۇ، بىراق، شىياڭگاڭ ۋە تەيۋەندە بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن، بىر قىسىم ئابونتلار يېڭى ئايفوننى مۇددەتتىن بۇرۇن سېتىۋىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن.

تەيۋەندىكى تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىدە دىيىلىشىچە، ئالما شىركىتىنىڭ iPhone 6 ۋە iPhone 6 Plus يانفونلىرى ئاخىرى تەيۋەندە رەسمىي بازارغا سېلىنغان، بۈگۈن يەنى 26-چىسلا ئەتىگەن سائەت 0 دىن 1 مىنۇت ئۆتكەندە، پۈتۈن تەيۋەن بويىچە بىرىنچى بولۇپ iPhone 6 نى سېتىۋالغۇچى مەيدانغا كېلىدىكەن.

مۇلازىمەت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان چېن ئەپەندى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ياردەمگە چاقىرىپ، تەخمىنەن 15 سائەت ئۆچرەتتە تۇرغاندىن كىيىن، ئوڭۇشلۇق ھالدا 128GB لىق نۇسخىدىكى 128GB نى سېتىۋالغان، ئۇ تەيۋەن بويىچە بىرىنچى بولۇپ يېڭى نۇسخىدىكى ئايفوننى سېتىۋالغان ئابونتقا ئايلانغان، ئۇ بۇ دەقىقىدە ئۆزىنىڭ ئىنتايىن ھاياجانلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

 

كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق