باش بەت>>پەن-تېخنىكا>>پەن-تېخنىكا ئۇچۇرلىرى
ئامازون شىركىتىنىڭ Twitch نى قوشۇۋېلىش سودىسى ئوڭۇشلۇق تاماملاندى
مەنبەسى:نۇر تورى |تەھرىر:زۆھرە مۇختەر | يوللانغان ۋاقىت:2014-09-28 15:19:17

ئامېرىكا ئاكسىيە نازارەت كومتېتى ئېلان قىلغان بىر پارچە ماتىرىيالدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامازون شىركىتى نۆۋەتتە Twitch نامىدىكى ئىنتېرنېتتا بىۋاستە قويۇش مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانىنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىش سودىسىنى تاماملىغان. بۇ قېتىملىق قوشۇۋىلىش سودىسى بۇ يىل 8-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا باشلانغان بولۇپ، ئەڭ ئاخىرقى پۈتۈشۈش سوممىسى 970 مىليون دوللار يەتكەن، بۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئامازون شىركىتى تارىخىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ بىر قېتىملىق قوشۇۋىلىش سودىسى بولۇپ قالغان.

Twitch شىركىتى ئاساسلىقى ئېلېكتىرونلۇق ئويۇن ئابونتلىرى ئۈچۈن بىۋاستە قويۇش مۇلازىمىتى تەمىنلەپ بېرىدىغان شىركەت بولۇپ، دائىم دىگۈدەك ئويۇن ئابونتلىرىنى تەشكىللەپ، نەق مەيدانغا ئويۇن ئويناش ۋە ياكى ھوزۇرلىنىش قاتارلىق ھەرخىل تېمىدىكى پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارىدىكەن، ئۇلار يىقىندا «tch plays Pokemon» تېمىسىدا پائالىيەت ئېلىپ بارغان.

Twitch شىركىتىنىڭ دىيىشىچە، بۇ شىركەتنىڭ ھەر ئايلىق ئاكتىپ ئابونت سانى 55 مىليون قېتىمغا يېتىدىكەن. Twitch نى قوشۇۋالغاندىن كىيىن، ئامازون شىركىتى تۇنجى قېتىم ئېلېكتىرونلۇق سودا بىلەن مۇناسىۋەتسىز ساھەگە قەدەم باسقان بولىدىكەن.

مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرىدا، ئامازون ئويۇن ئېچىش خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باش دېرىكتورى Mike Frazzini سۆز قىلىپ مۇنداق دىگەن: «بۇ قېتىملىق قوشۇۋىلىش سودىسى شىركەتنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمى ۋە كارخانا مەدەنىيىتىنى چۈشەنگەن ئاساستا ئېلىپ بېرىلدى.»

ئىگەللىنىشىچە، توردا بىۋاستە قويۇش مۇلازىمىتىدىن باشقا، Twitch يەنە ئامازوننىڭ كىتاب نەشىر قىلىش، ۋىدىئو مۇلازىمىتى ۋە ئويۇن ئېچىش قاتارلىق كەسىپلىرىگە چېتىلىدىكەن.

ھەمبەھىرلەش
ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق