باش بەت>>پەن-تېخنىكا>>پەن-تېخنىكا ئۇچۇرلىرى
يەرشارى مىقياسى پات-ئارىدا IPv6 دەۋرىگە قەدەم قويىدۇ
مەنبەسى:نۇر تورى |تەھرىر:زۆھرە مۇختەر | يوللانغان ۋاقىت:2014-09-28 15:07:12

يەرشارى مىقياسىدا ئىشلىتىلىۋاتقان IPv4 ئادرىسى «كەلگۈسى نەچچە ھەپتە ئىچىدە» پۈتۈنلەي تۈگەش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بولغاچقا، كەسپى ساھەدىكىلەر IPv4 ئادرىسىنىڭ تۈگەپ كېتىشى IPv6 نىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ دەپ قارىغان، ئىگەللىنىشىچە، IPv6 نۆۋەتتىكى IP ئادرىسى يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغان بىردىنبىر ئامال ئىكەن.

بۇلتۇردىن باشلاپ، جۇڭگو تېلگرافى ۋە جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى قاتارلىقلار ئاللىقاچان IPv6 نى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى يولغا قويۇشنى باشلىغان.

«ئىنتېرنېت ئاتىسى» دەپ نام ئالغان Vinton Gray Cerf ھازىر گۇگېل شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دېرىكتورى، قوشۇمچە باش ئىنتېرنېت مەسىلھەتچىسى بولۇپ، ئۇ 1977-يىلى ئىنتېرنېت ئالاقە كىلىشىمى «IPv4» نى قۇرۇپ چىقىپ، يەرشارىدىكى بارلىق كومپىيۇتېرلارنى ئۆز-ئارا تۇتاشتۇرغان. ھالبۇكى، IP ئادرىسى ھەربىر دانە كومپىيۇتېر، تور بېكەت ۋە باشقا تورغا ئۇلىنىدىغان ئۈسكۈنىلەرگە تەقسىملىنىدىغان كود نۇمۇرى بولغاچقا، ئۇ بىردىنبىر بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ئىكەن.

بۇندىن ئىلگىرى، ئىنتېرنېت ئىسمى ۋە سان-سىفىر ئادرىسىنى تەقسىملەش ئورگىنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلاردا مۆلچەرلىنىشىچە، IPv4 ئادرىسى 2011-يىلى 8-ئاي ئىچىدە ئىشلىتىپ تۈگەيدىكەن. مۇتەخەسىسلەر بۇنىڭغا قارىتا بايانات ئېلان قىلىپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئىنتېرنېتنى ئوموملاشتۇرۇشنى تەكىتلەۋاتقان شۇنداقلا ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەر بارغانسېرى كەڭ ئوموملىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، IPv4 ئادرىسى ئېغىر دەرىجىدە يېتىشمەسلىك مەسىلىسى كۆرۈلۈشتىن ساقلىنىش تەس ئىكەن، ھالبۇكى، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىنبىر ئۇسۇلى بولسا IPv6 نى ئىشلىتىش ئىكەن.

شاڭخەي ئاكسىيە ئانالىز ئورگىنىنىڭ ئانالىزچسى جاڭ تاۋنىڭ دىيىشىچە، دۆلەت ئىچىدىكى كومپىيۇتېر ۋە يانفون ئابونتلىرىنىڭ ئاساسىي ساقلىنىش مىقدارىغا قارىغاندا، دۆلەت ئىچىدىكى IPv4 ئادرىسى ھازىرچە يېتىشىدىكەن، بىراق، ئىنتېرنېت ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەرنىڭ تېز سۈرئەتتە ئوموملىشىشىغا ئەگىشىپ، IPv4 ئادرىسى يېتىشمەسلىك مەسىلىسىدىن ساقلانغىلى بولمايدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، IPv6 نى تەرەققىي قىلدۇرۇش كەلگۈسىدىكى ئىنتېرنېتنىڭ تەرەققىياتىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىكەن.

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق