باش بەت>>پەن-تېخنىكا>>يېڭى مەھسۇلاتلار
قارا بۆلجۈرگەن Passport يانفونى رەسمىي ئېلان قىلىندى
مەنبەسى:نۇر تورى |تەھرىر:زۆھرە مۇختەر | يوللانغان ۋاقىت:2014-09-25 19:42:57

تۈنۈگۈن قارا بۆلجۈرگەن شىركىتى تاشقى كۆرۈنۈشى ئۆزگىچە بولغان ئەڭ يېڭى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونى-قارا بۆلجۈرگەن Passport يانفونىنى رەسمىي ئېلان قىلدى. بۇ يېڭى يانفون مەھسۇلاتى ئەڭ دەسلىپىدە شىمالىي ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، فىرانسىيە ۋە گېرمانىيىلەردە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئامېرىكىدىكى يانفون ئېستىمالچىلىرى ھازىردىن باشلاپلا قارا بۆلجۈرگەننىڭ يانفون سېتىش تور بېكىتى-ShopBlackBerry.com دىن ۋە ئامازون تورىدىن بۇ يانفوننى سېتىۋالالايدىكەن، ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ يانفون تىجارەتچىسى-AT&T مۇ قارا بۆلجۈرگەن Passport يانفونىنى ئەڭ دەسلەپتە سېتىش ئىجازىتىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ يانفوننىڭ قاچان سېتىلىدىغانلىقى تېخى بېكىتىلمىگەن.
قارا بۆلجۈرگەن Passport يانفونىغا 4.5 دىيۇملۇق كىۋادرات شەكىللىك ئېكران سەپلەنگەن بولۇپ، پۈتۈن يانفوننىڭ تاشقى شەكلى قارىماققا بىر تال پاسپورتقىلا ئوخشايدۇ. شۇڭلاشقا يانفوننىڭ كۇنۇپكا تاختىسى يانفون گەۋدىسىنىڭ ئاستى قىسمىدىكى تار ئورۇنغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، قارا بۆلجۈرگەننىڭ بۇ خىل ئۆزگىچە يانفون لايىھىسى ھەقىقەتەن كىشىنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ. بۇ خىل يانفون لايىھىسى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە چوڭ ئېكرانلىق يانفوننى ياخشى كۆرىدىغان ئابونتلارنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشەلەيدۇ.

قارا بۆلجۈرگەن Passport يانفونى ئېكرانىنىڭ سېزىمچانلىقى 1440x1440 غا يەتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ يانفونغا يەنە توك سەرپىيات مىقدارى 3450mAh بولغان باتارىيە سەپلىنىلگەن. قارا بۆلجۈرگەننىڭ يېڭى يانفونىغا ئاساسىي چاستوتىسى 2.2GHz بولغان تۆت يادرولۇق بىر تەرەپ قىلغۇچ، 3GB لىق ئىچكى سىغىم بوشلۇقى ۋە 32GB لىق يانفون سىغىم بوشلۇقى سەپلەنگەن، بۇ يانفونغا يەنە 13 مىليون پېكسىللىق كامىرا ۋە قارا بۆلجۈرگەننىڭ ئەڭ يېڭى مەشغۇلات سېستىمىسى-BlackBerry10.3 سەپلەنگەن بولۇپ، يانفوننىڭ ئىچىگە يەنە يانفون Siri كارتىسىغا ئوخشاپ قالىدىغان قارا بۆلجۈرگەن يانفون ياردەمچىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان.


 

  

 

 

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق