باش بەت>>پەن-تېخنىكا>>يېڭى مەھسۇلاتلار
توك ئىشلىتىلمەي پەقەت ئوكسىگىن گازى ئىشلىتىدىغان باكتىرىيە لامپىسى
مەنبەسى:نۇر تورى |تەھرىر:زۆھرە مۇختەر | يوللانغان ۋاقىت:2014-09-25 19:49:31

Eindhoven لايىھىلەش ئىنىستىتۇتىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدىكى ئوقۇغۇچىسى- Teresa van Dongen يېقىندا ئادەمنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدىغان بىر خىل تۈرنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇنىڭ پىلانىدا توك ئىشلەتمەي پەقەت ئوكسىگىن سەرپ قىلىدىغان باكتىرىيە لامپىسى تەتقىق قىلىپ ياساش ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى. «توك سەرپ قىلماسلىق» بۇ لامپىنىڭ بىردىنبىر كىشىلەرنى جەلپ قىلىدىغان نۇقتىسى بولۇپلا قالماي، بەلكى ئۇنىڭغا ئىشلىتىلىدىغان ماتىرىيالنىڭ يېڭىچە بولۇشى يەنە باكتىرىيىدىن ياسىلىشىمۇ ھەقىقەتەن يارقىن نۇقتا بولۇپ قالغان. بۇ خىل باكتىرىيە ئادەتتە سەككىز ئاياغلىق سىياھ بېلىقتىن ئېلىنىدىغان بولۇپ، بۇ خىل باكتىرىيە ئادەتتە « باكتىرىيە فلۇئورېسسېن ئېنزىمى» دەپ ئاتىلىدىغان ماددىنى ھاسىل قىلىش ئارقىلىق نۇر چىقىرالايدىكەن. باكتىرىيە فلۇئورېسسېن ئېنزىمى بولسا بىر خىل ئوكسىدلىغۇچى ئېنزىم بولۇپ، يەنە بۇ خىل ئېنزىم پەقەت ئوكسىگىن بولغاندىلا خىزمەت قىلالايدىكەن.



 

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق